گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن مەسىلىلەر

بۈگۈن شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ 4-كۈنى، بۈگۈن يىغىن ئەھلى تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا 5 گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى بۇ بەش گۇرۇپپىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوخشىمىغان مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارە تەدبىرلىرى ھەققىدە تەكلىپلەر سۇنۇلدى. بۇ بەش گۇرۇپپىدا ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنغان يەنى ھەممىلا گۇرۇپپىدا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى نىشانى،
2. ياشلار ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى،
3. ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى ئىسلام ئەللىرىدە كۈچەيتىش تەسەۋۋۇرلىرى،
4. شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار،
5. چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىرلەر،

6. تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىش،
7. ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي مەنبەسىنى شەكىللەندۈرۈشى ۋە ئۇنى ماڭدۇرۇش،

يۇقىرىقى تېمىنى چۆرىدىگەن مۇزاكىرىلەردە جەمئىي 200 دىن ئارتۇق تەكلىپ ئوتتۇرىغا چۈشتى، مەن ھەرقايسى مۇزاكىرە گۇرۇپپىلىرىنى ئارىلاش، بىۋاسىتە ئاڭلاش ۋە رىياسەتچىلەردىن سوراش ئارقىلىق، بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭلا كونكرېت مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. تۆۋەندە مەن بۇلاردىن پەقەت ئىككى تەكلىپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

گۇرۇپپىلاردىن بىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يانداش، يەنە بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن غايە ئورتاقلىقى بولسىمۇ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى بولماسلىقى، بۇ تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قىلىشقا مۇمكىن بولمىغان ئىشلارنى قىلىش، بۇ تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېيىشكە مۇمكىن بولمىغان گەپلەرنى دېيىش، بۇ ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ بولۇپمۇ خىتايغا قارشى مۇھىم قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ساھىپسىز قالماسلىقى، بۇ ھەرىكەتلەردە بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ ئاۋازىنىڭ دۇنياغا چوقۇم ئاڭلىتىشى كېرەكلىكى بايان قىلىندى. مۇزاكىرىدە بۇ تەكلىپنى قىزغىن قوللىغۇچىلىرى بولغىنىدەك، بۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بولدى، قارشى تۇرغۇچىلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى بارلىق گۇرۇپپىلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى بارلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانىتى ئاستىدا پەرقلىق گۇرۇپپىلارنىڭ تەشكىللىنىش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى بارلىقى بايان قىلىندى.

بۇ تېمىدىكى تالاش تارتىش قىلىنغان مۇھىم نۇقتا نۇقتا شۇكى، بېزىلەر دېدى، شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىر قىسىم كەسكىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، د ئۇ ق تولۇق ئىگە چىقالماي قېلىشى مۇمكىن، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دۇنياغا يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنالىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش جەھەتتە ئاجىزلىق كۆرۈلۈش مۇمكىن. قۇرۇلغۇسى يانداش تەشكىلاتى مانا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش كېرەك. ئەمما بۇ تېمىدا چۈشكەن يەنە بىر تەكلىپكە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانىتى ئاستىدا مەخسۇس جىددىي ۋەقەلەرنى بولۇپمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى، بۇ گۇرۇپپا ۋەقەلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي خۇلاسىلەش ئارقىلىق مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۇنياغا توغرا چۈشەندۈرۈش ۋە ھەرىكەتنىڭ غايىسىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈن ئوتتۇرىغا چۈشكەن تەكلىپلەر ئارىسىدا يەنە بىر مۇھىم تېما بار، ئۇ بولسىمۇ، شېھىد ۋە مەھبۇس ئائىلىلىرىگە ئىگە چىقىش، ياردەم بېرىش مەسىلىسى. بۇ تەكلىپتە بايان قىلىنىشىچە بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان شېھىدلار ۋە مانا مۇشۇ غايە ئۈچۈن بۈگۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان مەھبۇسلار، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتلىرىغا زەربە بەرمەكتە، ئۇلارنى چەتكە قاقماقتا.

تەكلىپتە بايان قىلىنىشىچە بۈگۈن مانا بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتىغا ساھىب چىقىش، يەنى ھېچ بىر شېھىد ياكى مەھبۇسنىڭ نىڭ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى خارلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئۇلارغا ماددىي ياردەم بېرىش، مەنىۋى جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىپىسى ھەم بۇ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قىلالىشى مۇمكىن بولغان ئىنقىلابىي بىر ھەرىكەت. بۇ تەكلىپتە چۈشەندۈرۈلۈشىچە شېھىد ۋە مەھبۇس ئائىلىرىگە ياردەم بېرىش مىللىي ھەرىكەت، بەلكى خەلقئارا قانۇنلارغىمۇ يۈزدە-يۈز ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى.

يۇقىرىقى مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، يەنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلىۋاتىدۇ، يىغىندا يۇقىرىقى مۇزاكىرە گۇرۇپپىلىرىنىڭ رىياسەتچىلىرى ئۆزلىرى خاتىرىلىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ مۇزاكىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارلار ھەققىدە ئەتىكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.