شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا باشلانغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

6-كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا، 15 دۆلەتتىن كەلگەن 150 ئەتراپىدا ۋەكىل 4 گۇرۇپپا بويىچە 7 تېما ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، 7 ماددىلىق بىر قارارنى ماقۇللىدى.

بىز يىغىن ۋە يىغىندا ماقۇللانغان قارار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.