شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىدە چۈشكەن خۇلاسە پىكىرلەر

شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈنكى مۇزاكىرە خۇلاسىسى ۋە بۈگۈنكى قوشۇمچە مۇزاكىرە يىغىنىدا چۈشكەن پىكىرلەر ھەققىدە مەلۇمات.

0:00 / 0:00

دېگىنىمدەك تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلىرى ۋە گۇرۇپپا رىياسەتلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن كېيىن، يىغىننىڭ خۇلاسىسى چىقىرىلدى، يەنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر يىغىنچاقلىنىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىندى. يىغىننىڭ بىرىنچى خۇلاسىسى، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ غايىسى مۇستەقىللىق، مۇستەقىللىق دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئىپادىلىنىشى، ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىپى ۋە شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونومىيە تىلغا ئېلىنمايدۇ.

يىغىننىڭ خۇلاسىسىدە، ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەر قىلىنىشى كېرەك دېگەن تېمىدا چۈشكەن يەنە كۆپلىگەن مۇھىم تەكلىپلەر توغرا كۆرۈلدى، ئەمما بۇ مەزمۇنلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنماقچى.

تۈنۈگۈن يىغىنىڭ خۇلاسىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەۋجۇت نىزامنامىسىگە قارىتا بىر قىسىم توزۇتۇش پىكىرلىرى بېرىلدى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن نىزامنامە قايتىدىن لايىھىلەندى، بۇ لايىھىنىڭ بىرقانچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. تەشكىلاتنىڭ نامى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قىسقارتىپ، قۇرۇلتاي دېيىلىدۇ.
2، قۇرۇلتاينىڭ مەركىزى مۇنىھ.
3. قۇرۇلتاينىڭ گېربى 1933 ۋە 1944 يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى.
4، قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىنسانىي ھەق/ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە شەرقى تۈركىستاندا دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش.
5. قۇرۇلتاي ۋەتەن ئىچى/سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ ئالىي سىياسىي ئورگىنى.

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار، قۇرۇلتاي نىزامنامىسىنىڭ لايىھىسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار، تۆۋەندە بۈگۈنكى يىغىندا قوشۇمچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات.

تۈنۈگۈن يىغىننىڭ خۇلاسىسى بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈن يەنە چۈشكىچە قوشۇمچە پىكىرلەر ھەققىدە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتتى. بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سوز قىلدى. رابىيە خانىم سۆزىدە بىزنىڭ ئويلىشىدىغىنىمىز، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولالامدۇ ياكى بولالامدۇ، دېگەن مەسىلە ئەمەس، ئويلىشىدىغىنىمىز پەقەت شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ مۇساپىسىنى قىسقارتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىنىشتىن ئىبارەت، دەيدۇ. رابىيە خانىم يەنە يىغىندا بۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە كۆپلىگەن يوليورۇقلارنى بەردى. بۇ يوليورۇقلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ، غەرب دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش، قانداق قىلىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىنىڭ ھەققانىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا قانداق قىلىپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ھەققىدە بولدى.

بۈگۈنكى قوشۇمچە پىكىرلەر ئارىسىدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى قاسىم تۈمەن سوز قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختالدى. قاسىم تۈمەننىڭ سۆزىنى مۇنداق خۇلاسىلىشىمىز مۇمكىن، روھىنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدىغان ھەم دۇنيانىڭ ئادالىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلار، ئەھۋالى ئەڭ ئېچىنىشلىق كىشىلەر. بۇلار تېخىمۇ كوپ ئىزدىنىشى، تەتقىق قىلىشى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ سېپىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇلار مىللىتىنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسىدە ئائىلە/ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدۇ. قاسىم تۈمەن يەنە ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئالىمى دېگەن بۇ تەرىپنىڭ پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە مېھرى/مۇھەببىتىنى بېرىش بەرمەسلىك بىلەنلا ئۆلچىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن ئازابلانمىغان ھەرىكەت قىلمىغان بىر زىيالىينى ئۇيغۇر زىيالىيسى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن بۇ يىغىنىڭ خۇلاسىسىدە تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما يىغىنىڭ ئالدىدىكى سورۇنلاردا تەكىتلەنگەن ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بىر پىكرىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنى خۇلاسىلەپ، ئۇيغۇرلار بۈگۈنگە قەدەر تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەپ كەلدى، ئۇيغۇر خەلقى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئەمما مەقسىتىگە تېخىچە يېتەلمەيۋاتقان مىللەتلەردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى رەھبەرلىرىمۇ قولىدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسەتتى، ئۇيغۇر خەلقىدە سەۋەنلىك، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدە گۇناھ يوق، پەقەت ۋە پەقەت خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى پايدىسىزلىق سەۋەبىدىن 2 قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى قوغداپ قالالمىدى، شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن مانا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيادىكى ھېچ بىر دۆلەت ئوز دۆلىتىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىماسلىقى، بەلكى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ نۇقتىدىكى سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.