ئالىي مائارىپنىڭ ئىچ يۈزىدە بوغۇلۇۋاتقان مىللىي روھ (2)

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مائارىپنىڭ ئىچ يۈزىدە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن قانداق كونترول قىلىنىۋاتىدۇ؟
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.12.13
aliy-maarip-305.jpg ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى ۋە سىياسىي خىزمەت يىغىنى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورى

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەزىلەت خانىم ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە نۇقتىلاردا ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەمدە دىنىي ۋە مىللىي تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى يۇقىرى ئورۇنلاردىن چۈشكەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق چەكلىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. پەزىلەت خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلگىرى بۇ ھەقتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەخسۇس ھۆججەتلىرى بار بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى قىسىمدا مەخپىي تارقىتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا كونكرېت قانداق مەزمۇنلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلىش قىيىن بولغانىكەن. ئەمما 2012-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ھۆججىتى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، مائارىپ نازارىتى، مەدەنىيەت نازارىتى ھەمدە تىل-يېزىق كومىتېتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئورۇنلارمۇ بۇ ھۆججەتنىڭ روھىغا ماسلىشىپ كەڭ-كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. پەزىلەت خانىم بۇ ھۆججەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، دىنىي تۈستىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى ۋە دىنىي بەلگىلەرنى ئېسىشى چەكلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا «بەشنى چەكلەش»، «تۆتنى قىلماسلىق» دېگەندەك بىر قاتار ئۇششاق بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە بۇ ھۆججەتتە پەقەت بىرلا جايدا فالۇنگۇڭغا دائىر چەكلىمە بولغاندىن سىرت، قالغان مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر بىلەن تولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا پەزىلەت خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي كەيپىيات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتىن 1980-يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ جەھەتتىن چېكىنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپلەردە دەرستىن سىرتقى ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قارىغاندا سىياسىي خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالى سۈپىتىدە ئۇ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئالدىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن بولغان ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن تۈرلۈك جازالارغا تارتىلغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتاب- ماتېرىياللار ۋە گېزىت -ژۇرناللار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، كۇتۇپخانىلاردىكى ماتېرىياللارنىڭ كۈنساناپ خىتاي تىل-يېزىقىغا مەركەزلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ئۈچۈن مەكتەپ مالىيىسىدىن ئىقتىساد تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.