ئالما شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرىغا مائاش قوشۇپ بېرىشى، خىتاي شىركەتلىرىدىكى ئىشچىلارنى جاسارەتلەندۈرمەكتە

ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىشچىلىرىغا 25% مائاش قوشۇپ بېرىش ھەم ئىشچىلارنىڭ ئىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

0:00 / 0:00

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي شىركەتلىرىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي شىركەت خوجايىنلىرى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپەيتىش، خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپەيگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايدا تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ خىزمەتچىسى بار ئالما كومپيۇتېر تېلېفون شىركىتى 20-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تارماق شىركىتى فۇشىكاڭ ئايفون، ئايپەد شىركىتىدىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، 25% مائاش قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەم خىتاي تور بېكەتلىرىدە مۇھىم مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە، ئامېرىكىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا پايدىسى ئەڭ يۇقىرى شىركەت دەپ تەرىپلەنگەن ئالما كومپيۇتېر، تېلېفون شىركىتىنىڭ ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە قوشۇلۇشى، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنى جاسارەتلەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي ئىقتىساد مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى خۇ شىڭدۇ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىشچىلارغا مائاش قوشۇپ بېرىشى،نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ھەم ئافرىقىدىكى سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىش ھەققى ئېلىپ، ناچار مۇھىتتا ئىشلەۋاتقان ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئىشچىلىرىنىڭ، خىتاي شىركەتلىرى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۆز-ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىكەن، بۇ ئاخىرقى ھېسابتا زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئايلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان تىنچ مۇھىتنى بەربات قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خۇ دۇشىڭ ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ۋاقتى ئۇزۇن، خىزمەت شارائىتى ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەرزان بولغان ئەمگەك كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشچىلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىش دەرىجىسىنىڭ خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
‏- بۇ قېتىم ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتمىغان شارائىتتا، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى 25% ئۆرلىتىشكە ۋەدە بېرىشى، خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن زور بېسىم بولدى. چۈنكى ئەسلىدىنلا خىزمەت مۇھىتى ناچار، ئىش ھەققى خەلقئارا ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن جىق تۆۋەن بولغان خىتاي شىركەتلىرى، ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ، پايدا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشى خىتاي شىركەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭ باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئالما شىركىتى ئىشچىلىرىنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇنلىنىشى، خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شىركەت خوجايىنلىرىدىن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
‏- مېنىڭچە، خىتايدىكى چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت ئالما شىركىتىنىڭ ئىشچىلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشى، خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلىرى ھەم يەرلىك ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئېچىلىدىغان 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان، دۆلەت رەھبەرلىرى ئالمىشىدىغان شارائىتتا مۇقىملىقنى زىيادە تەكىتلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر نازۇك پەيتتە، ئەگەر ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيسە، بۇ ئەھۋال چىرىكلىك ئەۋج ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن خەلقئارا بازاردا زور پايدا ئېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى ساراسىمىگە سېلىشى مۇمكىن. ھەتتا بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پۈتۈن خىتاي مەملىكىتىگە كېڭىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇقەررەر يۈزلىنىش.

ئەنگلىيە «ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ 21-فېۋرال كۈنىدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشچىلىرىغا مائاش قوشۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىگىمۇ بېسىم ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
‏- نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى شىركەتلىرى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى. خىتاينىڭ سۇدان قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە پەقەت پايدىنىلا قوغلىشىپ، يەرلىك ئىشچىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا كۆز يۇمۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر، بۇ يەردىكى يەرلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتتى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم شىركەتلىرى ئالما شىركىتىنىڭ روھىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى شىركەتلىرىدىكى يەرلىك ئىشچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئويلاشمىسا، ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تىرىشمىسا، خىتاي ئىشچىلىرى ھەم پۇقرالىرىنى ئۆتكەن ئايدىكىدەك گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرى يەنە يۈز بېرىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن.