قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېۋ قەسەم مۇراسىمىغا كەلگەن خىتاي ۋەكىلى ئىسمائىل تىلىۋالدىنى قوبۇل قىلمىغان
مۇخبىرىمىز ئازاد
2011.12.03
2011.12.03
مۇراسىمغا قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1200 نەپەر ۋەكىل ھەمدە چەت ئەللىك مېھمانلاردىن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل، گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشۋىلى، قازاقىستان باش مىنىستىرى كىرىم مەسىمۇۋ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، تاجىكىستان، چېچەنىستان، تاتارىستان باش مىنىستىرلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، موڭغۇلىيە، ئىران، كورىيە، قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتناشتى.
مۇراسىم سائەت 11دە قىرغىزىستان دۆلەت گىمىنى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئالدى بىلەن سۆز قىلغان روزا ئوتۇنبايېۋا ئالماسبېك ئاتامبايېۋنى يېڭى خىزمىتى بىلەن تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرغان بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا، قىرغىزىستان دۇچ كەلگەن بارلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتا، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ پارلامېنتلىق سىياسىي تۈزۈلمىگە ئۆتۈشىدە ئۆزىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن بارلىق قىرغىزىستانلىقلارغا ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
قەسەم بېرىپ قىرغىزىستان پرىزىدېنىتلىقى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئالماسبېك ئاتامبايېۋ ئۆز سۆزىدە، قىرغىزىستان ئەڭ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن مەزگىللەردە، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى ھەمدە مول سىياسىي بىلىمى بىلەن دۆلەتنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغىنى، ھاكىمىيەتنىڭ سايلام ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن روزا ئوتۇنبايېۋاغا پۈتۈن قىرغىزىستان خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، نۆۋەتتە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھاتلارنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ھەمدە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا شۇنداقلا ياۋرۇ - ئاسىيا تامۇژنا - باج ئىتتىپاقىغا كىرىشكە توسقۇن بولۇۋاتقان ئوشۇقچە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالغان ئالماسبېك ئاتامبايېۋ رۇسىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە ھەمكارلىقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىرغىزىستان تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقىنى، تۈركى تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ دوستلۇق - ئىتتىپاقلىقنى ھەمدە ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئالماسبېك ئاتامبايېۋ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ، قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى سۈپىتىدە، قىرغىزىستان ئارمىيىسى مىللىي گىۋاردىيەسىنىڭ ھەربىي پاراتىنى قوبۇل قىلدى.
30 - ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ۋە 1 - دېكابىردا بولغان قەسەم بېرىپ پرېزىدېنتلىقنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەمدە قىرغىزىستانلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك ياخشى تەسىرات قالدۇردى. ئاتامبايېۋنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى نۇتقىدا مەملىكەتنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە شۇنداقلا تاموژنا تارماقلىرىدا بولۇپمۇ سوت سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش لازىملىقى ھەققىدىكى بايانلىرى جامائەتچىلىك ئارىسىدا قىرغىزىستاننىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ پەيدا قىلدى.
ھالبۇكى ئاتامبايېۋنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا خىتاينى تىلغا ئېلىپ قويمىغانلىقى ھەمدە 2 - دېكابىر قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا كەلگەن كۆپلىگەن چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، يالغۇز خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدىنى قوبۇل قىلىپ قويمىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى. تەھلىلچىلەر قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى، بۇرۇنقى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش سىياسىتىنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاموژنا - باج ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقان رۇسىيىنىڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.