0:00 / 0:00
يىغىنغا ئالماتادىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان. يىغىنغا د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئامىنە تۇرغۇنوۋا خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت تۇردىيېۋ، د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى زىيا سەمىدى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان.
كېيىن ئاممىغا ياپونىيىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىنئالغۇ لېنتىسى كۆرسىتىلگەن. قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكەن بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.