ئالماتادىكى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەكىتلەندى

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 10-دېكابىر ئالماتا شەھىرى كافېخانىلىرىنىڭ بىرىدە يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنداقلا خىتايدىكى سىياسىي ئەھۋال ھەققىدە توختالدى ھەم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىر قاتار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى سۆز ئالغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى پرېزىدېنتى تامارا مەمەتوۋالار ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم مەزكۇر مۇراسىمدىن ئالغان تەسىراتىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.