مەزكۇر مۇراسىم جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى تەنتەربىيە بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان تەنھەرىكەتچىلەر، شۇنداقلا يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ئاكتىپلىرى، كۆپ ساندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇئەللىملەر كوللېكتىپى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان.
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى تەنتەربىيىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە قازاقىستان ۋە دۇنيا مىقياسىدا ياخشى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولۇپ، مەملىكەتنىڭ شان-شەرىپىنى قوغدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى داغدۇغىلىق بىلەن قارشى ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەركىن كۈرەش بويىچە قازاقىستان ۋە ئاسىيا چېمپىيونلىرى رەيھانگۈل گۆھەرباقىيېۋا، زۇلفىيە يەھياروۋالار، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستان، ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرى دىلىنۇر ئىسمايىلوۋا، شۆھرەت ئۆمەرجانوف، ھاكىمجان مۇسايېف، ئەلىشېر مەمەتىياروفلار، ئارمىيىچىلەرنىڭ مەركىزىي تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئەڭ ماھىر پۇتبولچىلىرى ئەزىز تۇردىيېف، دانىيار باۋدىنوفلار، كاراتې بويىچە دۇنيا چېمپىيونلىرى ھەم «قارا بەلۋاغ» ئىگىلىرى زاكىر ۋە غوپۇر توختىيېفلار، قازاقىستان چېمپىيونلىرى دىلمۇرات ئابدۇرەھىموف، ئەمىر توختىيېف، ئابدۇرېشىت ئابدۇرەھىموف ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى 7-قېتىملىق قىشلىق ئاسىيا مۇسابىقىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ھەسەن توختاخۇنوف ۋە زارىنا توختىيېۋالارنى قىزغىن قارشى ئېلىۋالدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قازاقىستان گىمناستىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ماخمۇت ئىسكەندەروف، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تەلەت ھەمرايېف، ئاۋېزوف ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى مىرشات باراتوف، شۇ ناھىيە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رېھىمجان سېمەتوف، ئالماتا شەھەرلىك يىگىت باشلىرىنىڭ رەئىسى ئىنەمجان خۇدايبردىيېف، «لاچىن» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ پرېزىدېنتى زاكىر توختىيېف، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفلار تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ماددىي سوغىلىرىنى تاپشۇردى. مۇراسىم داۋامىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى ۋە ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھۈنەرلىرى تاماشا قىلىندى.
كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ھەم بۇ قېتىمقى ئاسىيا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئىگە بولغان قازاقىستان ئاياللار ئارىسىدىكى خاككېي (مۇز توپ ئويناش) كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ئويۇنچىسى ئاتالغان، ئالتۇن مېدال ئىگىسى زارىنا توختىيېۋا مۇراسىم ئاخىرىدا سۆز ئېلىپ، مەزكۇر ئۇچرىشىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا، بارلىق ھەۋەسكارلارغا بولغان ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا ئۇ جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە بەرگەن سۆھبىتىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ تەبرىكلەپ كەلگەن مەزكۇر گېزىتكە رەھمىتىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ، ماڭا ئالاھىدە ھەۋەس قىلغان ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرگۈم كېلىدۇ. ئىلاھىم، سىلەرگە-سادىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىدا شات-شادىمانلىق پەيتلەر كۆپ بولسۇن.»
زارىنا رەخىم قىزى توختىئېۋا 1988-يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دەسلەپ 52-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن ئارمىيىچىلەرنىڭ مەركىزىي تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ مەكتىپىدە بىلىم تەھسىل قىلغان. دەسلەپ تەنتەربىيىنىڭ كانكى بىلەن مۇزدا يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە، ئاندىن خاككېي بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2000-يىلدىن باشلاپ ئالماتانىڭ قازاقىستان بويىچە ئاياللار ئارىسىدىكى «ئايسۇلۇ» خاككېي كوماندىسى تەركىبىدە ئوينىماقتا ئىكەن. مەزكۇر كوماندا ياۋروپا مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر نەچچە تۈرىدە چېمپىيون بولغان.
زارىنا توختىيېۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.