ئالماتادا د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

8 - ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى سۇلتان قورغان مەھەللىسىدىكى "ئايەت" ئاشخانىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىننى د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى تەشكىللىگەن.

0:00 / 0:00

200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.