ئالماتادا خەلقلەر دوستلۇقىغا بېغىشلانغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ "دوستلۇق" مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيىف نامىدىكى گىمنازىيىدە "ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەشكىلاتى" جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھەم ئابدۇللا روزىباقىيىف نامىدىكى 153 - مەكتەپ گىمنازىيىنىڭ قوللىشى بىلەن "ئۇلۇغ يىپەك يولىدا باغلانغان دوستلۇق رىشتىلىرى" ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا جامائەت ئەربابلىرى، ئالىملار، شائىر - يازغۇچىلار، مۇئەللىملەر، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، تۈرك، تاتار، ئۆزبەك، تۈركمەن، باشقۇرت ۋە قىرىم تاتارلىرى مەدەنىيەت مەركەزلىرى، شۇنداقلا يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.