قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېف: تۈركىيە-رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئىقتىسادىي بىرلىك قۇرۇشى كېرەك

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېف تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا كۆپ ساندا تۈرك ۋە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار قاتناشتى. يىغىن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروف. در. ياسىن ئاقتاي ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «قىرغىزىستان-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېقىنلىقى» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات بەردى.

erkin-ekrem-kirghiz-bashministirige-doklat-385.jpg
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «قىرغىزىستان-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېقىنلىقى» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات بەردى. 2011-يىلى ئاپرېل. (RFA/Erkin Tarim)

در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېف مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىمىز. ياۋروپا بىرلىكى تۈركىيە بىلەن رۇسىيىنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئىقتىسادىي بىرلىك قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېف سۆزلىرىدە خىتاي دۆلىتىنى تىلغا ئالمىدى. بىراق، ئۇ ئەركىن ئەكرەم بىلەن بولغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزلار بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئالمازبېك ئاتامبايېفنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ۋە تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەت سەيفەتتىن ئېرول ئەپەندىلەر بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.