مەزكۇر تەنتەنىگە جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئاتا - ئانىلار ۋە كۆپ ساندا ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئېيتماقچى، ئۆتكەنكى پروگراممىلىرىمىزنىڭ بىرىدە بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنى ئالماتا شەھىرى تۈركسىب ناھىيىسىنىڭ مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101 - مەكتەپ - گىمنازىيىسىنىڭ بىر تۇتاش مىللىي ئېمتىھاندا يەتكەن ئۇتۇقلىرىدىن خەۋەردار قىلغان ئىدۇق. يېقىندا بۇ ئېمتىھاننىڭ ئاخىرىقى يەكۈنى چىقىپ، بۇنىڭدىن تاشقىرى شاۋكەت ئۆمەروف مۇدىرلىق قىلىۋاتقان 153 - مەكتەپ - گىمنازىيىسى ئۇچۇمكارلىرىدىن يەنە ئۈچ بالىنىڭ، شۇ جۈملىدىن نۇراخۇن ھاكىموف، ئىلمىرا ئاسىمجانوۋا ۋە زۇلفىيە بۇرالقىيېۋالارنىڭ، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتى يەركەنت ناھىيىسىگە قاراشلىق پەنجىم يېزىسىنىڭ ئا.روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇچۇمكارى مۇھەببەت تۇردىيېۋا ھەم تالغىر ناھىيىسى تۇزدىباستاۋ يېزىسىنىڭ 31 - ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇچۇمكارى سانىيەم ئابدۇماساروۋالارنىڭمۇ «ئالتۇن بەلگە» ساھىبى ئاتالغانلىقى ئېنىقلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان بويىچە «ئالتۇن بەلگە»گە نامزات 5761 ئۇچۇمكارنىڭ پەقەت 1401ى ئېمتىھان يەكۈنى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەلاچى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنى بۇ يىلى 1202 بالا تاماملىغان بولسا، شۇلارنىڭ ئىچىدىن سەككىز ئۇچۇمكار «ئالتۇن بەلگە» گە ئىگە بولغان.
دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۆتكەن تەنتەنىدە سۆزگە چىققانلار ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ پەقەت بىر مەكتەپنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تويى، چەكسىز خوشاللىقى بولدى. مەزكۇر مۇراسىمدا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شەيمەردان نۇرۇموف، مەركەزنىڭ مائارىپ كېڭىشى رەئىسى يېمېلىيان ئۇشۇروف ۋە شەھەرلىك باش يىگىت بېشى ئىنەمجان خۇدايبەردىيېفلار ۋە باشقىلار ياخشى تىلەكلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئالتۇن بەلگە» ساھىبلىرىغا ئاتىغان ماددىي سوغىلىرىنى تاپشۇردى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا دىلمۇرات قۇزىيېف رەھبەرلىكىدىكى «بېنت ئاكسىئونېرلىق جەمئىيىتى»نىڭ ماددىي سوغىلىرىمۇ تاپشۇرۇلدى. تەنتەنىدە «ئىرادە» مىللىي سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ۋە گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەييارلىغان كونسېرت پروگراممىسى تاماشا قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مائارىپ كېڭىشى رەئىسى، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ نامزاتى يېمېلىيان ئۇشۇروف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.
0:00 / 0:00