ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار يىغىن ئېچىپ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

7 - ئۆكتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئالمۇتادىكى ئىنسان كوفىيخانىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىردىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلىدى.

0:00 / 0:00

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.