ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلەنمەكچى

ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق سەنئەت دەرگاھى بولغان ئالماتادىكى قۇددۇس غوجاميارۇف نامىدىكى دۆلەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تىياتىرنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمى باشلىقى گۈلباھار خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەمدە تۆھپىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.