قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرى '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' گە ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچماقچى

قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرى بىرلىشىپ قۇرغان "ئارمان تەشكىلاتى" يېتەكچىلىرى ۋە ئەزالىرى 20 - ئاۋغۇست چۈشتە، ئالماتا شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىش ئالدىدا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

مەلۇم، بولۇشىچە، " ئارمان تەشكىلاتى" ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاستانە قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئۆتكۈزۈدىكەن.

قازاقىستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا نەق مەيداندا خاتىرىلىگەن تەپسىلىي مەلۇماتىنى كۆپچىلىككە سۇنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.