مەشھۇر كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ھەيكىلى ئالماتادا ئېچىلدى

28 ‏- ئىيۇن كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئاتاقلىق كومپوزىتور، دۆلەت ئەربابى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىك تىياتىرىنىڭ ئالدىدا تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىس، مۇزىكانتلىرىنىڭ ناخشا ، ئۇسۇل تەنتەنىسى ئىچىدە باشلاندى.

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروفنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى تۆھپىسى ھەمدە ھەيكەل ئېچىش مۇراسىمىنىڭ جەريانى ھەققىدە ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.