خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىشى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

خىتايدىكى بەش چوڭ ئالتۇن شىركىتىنىڭ بىرى بولغان خېنەن لىڭباۋ ئالتۇن پاي شىركىتى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئالتۇن كانىغا كۈنىگە 300 توننا ئالتۇن خىللانغان رودىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئالتۇن تاۋلاش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ كېلەر يىلى 10 -ئايدا پۈتكەندىن كېيىن، يىلىغا 5 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئەڭ چوڭ ئالتۇن تاۋلاش كارخانىسىغا ئايلىنىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى تارىختا ئالتۇن زاپىسىنىڭ موللۇقى ۋە قېزىلىش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ، بۇ ھەقتە « ئالتايدا 72 جىلغا بار ، ھەممىسىدىن ئالتۇن چىقىدۇ » دېگەن تەمسىلمۇ بار.
تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ۋاقىت ، 1736 ‏- يىللار ،1821 ‏- يىللار، 1862 ‏-يىللار ۋە 1911 ‏- يىلىدىن 1944 ‏-يىلغىچە بولغان مەزگىللەر ھېسابلانغان بولسا ، 2005 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىق مەنبەسى ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىستراتېگىيىسى بىلەن 2006 ‏- يىلىدىن -2008 يىلىغىچە شەندۇڭ كارخانىلىرى باشچىلىقىدىكى ، 52 خىتاي ئالتۇن كارخانىسى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلىشىپ ئالتۇن قېزىشتا يەنە بىر يۇقىرى بالداق كۈتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ئالتۇن قېزىشتا -2007 يىلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنىۋاتقان ئالتۇن ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 19 خىتاي ئۆلكە ۋە شەھىرىنى شىنجاڭغا ياردەمگە چاقىرىش باھانىسىدە ھەر ساھە بويىچە ئۇيغۇر ئېلى بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە ئېچىشنى تېزلىتىۋاتقان ھازىرقى پەيتىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى كۆرسەتكەن پەيتى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلى رەڭلىك مېتال تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا،2010- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى رېكورتنى يارىتىپ 10.517توننىغا يەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 28 ئورنىدا ئالتۇن زاپىسى بار ، بۇ ئالتۇن بايلىقىنى ئېچىشقا قاتنىشىۋاتقان كانلارنىڭ سانى 600دىن ئاشىدۇ. ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ سانى 50تىن ئاشىدۇ، يىللىق ئومۇمىي ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 207 توننىدىن ئاشىدۇ.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى قېزىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ ، ئالتۇن زاپىسى مول بولغان ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى ۋە قۇمۇل قاتارلىق جايلار خىتاي ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلانغان.

2010- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 كېلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئۈچى، 500 كىلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئىككىسى، 200 كىلوگرامدىن ئاشقان كارخانىدىن ئالتىسى پەيدا بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 60% ىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك دائىرىلەرگە تەۋە ئالتۇن كانلىرى ئاساسەن كىچىك تىپتىكى كان ۋە كارخانىلار بولۇپ مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا جەھەتتە خىتاي كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلمىگەنلىكتىن ئارقا ‏- ئارقىدىن گۇمران بولۇش ۋە تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەڭلىك مېتال تورىدا مىسال ئېلىشىچە، 2006 ‏- يىلى چۆچەكتە ئالتۇنچىلىق كارخانىلىرىدىن 177 سى بولغان بولسا 2009 ‏- يىلىغا كەلگەندە 22 گە چۈشۈپ قالغان.

2010 -يىلى -5 ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنىدا، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى خىتاي كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن بايلىقىنى ئېچىشقا قاتناشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كۆپلىگەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن ئالتۇن قېزىش گۇرۇھى ئۇيغۇر ئالتۇن زاپىسىغا باي جايلارغا يۈرۈش قىلدى.

خىتاي ياشىن تورىدا« 2011 ‏- يىلى شىنجاڭدا ئالتۇن قېزىش ئومۇميۈزلۈك يېڭى ئېچىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 يىلى شىنجاڭدا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ئالاھىدە بىر يىل بولغان.

نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئالتۇن زاپىسىغا كۆز تىكىپ 2012 ‏- يىلى -10 ئايدىن باشلاپ رەسمىي قېزىشنى پىلانلاپ تۇرغان ئىككى چوڭ كارخانا بولۇپ ، بىرى شىنجاڭ جىنچۇەن كانچىلىق شىركىتى ، يىلىغا 2.3 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتا.ئۇنىڭدىن چوڭى خىتايدىكى بەش چوڭ ئالتۇن كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان خېنەن لىڭباۋ ئالتۇن پاي شىركىتى، ئۇ پۈتسە يىلىغا 5 توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن تاۋلاش كارخانىسىغا ئايلىنىدۇ.

بىر ئۇيغۇر ئالتۇن سودىگەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىۋاتقان ئالتۇن كانلىرى، ئالتۇن كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىيارىدىن چىققان ئالتۇنلارنى شۇ خىتاينىڭ قولىدىن قىممەت باھادا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي كانچىلىق خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ -12 بەش يىللىق پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش ئىشلىرى يەنە بەش يىل مۇشۇ خىل سۈرئەتتە داۋام قىلىدىكەن. ياشىن مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن رۇ ئەپەندىنىڭ بايانىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، « ئالتۇن زاپىسى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئېلىنى گەرچە باي بىر كىشى دەپ سۈرەتلىسەكمۇ ، ئەمما ھازىرقى ئالتۇن قېزىشتىن قارىغاندا ئۇنى ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈۋالغان قەلەندەر دېيىشكە بولىدۇ .»