پۇل ئالتۇن ئەمەس، ئالتۇن تەبىئىي پۇل دېگەندەك، ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە بويۇم، خەلقئارا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلغان خەلقئارادا زاپاس ساقلىنىدىغان مۈلك، ئەڭ ئىناۋەتلىك پۇل، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىناۋىتىنىڭ كاپالىتى، بايلىق زاپىسى، بانكىلارنىڭ ئۆز فۇنكسىيىسىنى ساقلاشتىكى خېيىم-خەتەردىن ساقلاش مەبلەغ سېلىش قورالى بولغاندەك، ئۇيغۇرلارمۇ قەدىمدىن ئالتۇننى ئائىلىنىڭ مال-بىساتى سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن، پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن، ھازىرمۇ ئالتۇن ئۇيغۇرلار ھاياتىدا زاپاس مۈلك، تويلۇق، قىممەتلىك سوغات، زىبو-زىننەت، دورىگەرلىك قاتارلىق كۆپ خىل ساھە، كۆپ تەرەپلەردىن زىچ باغلىنىشقا ئىگە ئالاھىدە ئىستېمال بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە مال باھاسى تېز ئۆرلەۋاتقان بىر پەيتتە، يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ئالتۇن باھاسىدىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن تېز ئۆرلەش كۆرۈلدى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تورىغا قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەزگىل، بۇ يىل ئاۋغۇستتىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان بىر مەزگىل بولۇپ، ساپ ئالتۇننىڭ ھەر گرامى 460 يۈەنگىچە كۆتۈرۈلگەن، بايلىق مۇنبىرى تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا 2012-يىلى ئالتۇن باھاسى يەنە بىر ھەسسە ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ھەر ئانىس ئالتۇننىڭ باھاسى خەلقئارا بازاردا 2075 دوللارغا چىقىدىكەن.
ئۇنداقتا ئۈرۈمچىدە ھازىر زىبو-زىننەت دۇكانلىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى نەچچە بولۇۋاتىدۇ، باھانىڭ ئۆرلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش، يىغىش ئادىتىگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ بۇنى بىز ئۇيغۇر ئالتۇن سودىگەرلىرىدىن سوراپ كۆرەيلى.
بۇ ئۇيغۇر زەرگەر، ئالتۇننىڭ باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالتۇن ئېلىش تويلۇق شەرتى بولغاچقا، قانچە ئۈستۈن بولسىمۇ ئۇنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بەزى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ھازىر شەھەرلەردە تويلۇق ئالتۇن سېلىقى 50 گرامدىن 100 گىرامغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇۋاتقان بولسا، يېزا، كەنتلەردە ئەڭ كەم بولغاندىمۇ توي قىلىدىغان قىزغا بىر جۈپ ئۈزۈك، ھالقا ۋە بىلەزۈك ھەمدە مېدالىيون بولۇپ بىر يۈرۈش ئالتۇن تويلۇق سوغات قىلىنىدىكەن. شۇڭا ئالتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىشىش ئادىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن، شۇنداقلا ئۆي سېتىۋېلىشتىن باشقا ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان شەرتلىك بويۇم دېيىشكە بولىدۇ.
قەشقەرلىك بىر ئالتۇن سودىگىرى، گەرچە ئالتۇن ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا قاراپ يەنىلا ماس ھالدا ئوخشاش ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلار ئالتۇننى ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجى سەۋەبىدىن سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئالتۇن زىبو-زىننەتلەرنى سېتىۋالىدۇ، نۆۋەتتە گەرچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك ئالتۇن ئېلىپ زاپاس ساقلاشقا قىززىقتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ساپ نۆكچە ئالتۇن ئەمەس، بەلكى ئەسلى ئالتۇن باھاسىغا ھۈنەر ھەققى قوشۇلغان ئالتۇن زىبو-زىننەتلەرنى سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئالتۇننى ئۆز قىممىتىدىن يۇقىرى باھاغا سېتىۋالىدۇ.
دۇنيا پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى كرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، ئالتۇن دۇنيادا بىردىن-بىر تۆلەم ۋاسىتىسى قىلىشقا بولىدىغان« پۇل» بولۇش سۈپىتى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ،نېفىت باھاسىغا ئەگىشىپ قىممەتلەشتى. ئالتۇن ئەلۋەتتە كۆمۈلۈپ قالسىمۇ يەنىلا ئالتۇن، ئۇ ئەزىزلىگۈچىلەرنى زىياندا قويمايدۇ، بىراق ئىقتىسادشۇناسلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى،ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىققان بولۇپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرى تەسىرىدە دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئالدىراپ ئالتۇنغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى يەنىلا يۇقىرى.
ئالتۇننى پۇل ئورنىدا ساقلاش نىيىتىدە سېتىۋالغۇچىلار، ئالتۇننى زەگەرخانىلاردىن ئەمەس، بەلكى ئالتۇن بازىرىغا ئەزا بانكا ياكى ئىشەنچلىك ئالتۇن سېتىش ئورۇنلىرىدىن زىخچە ئالتۇن سېتىۋالغاندا، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى زىخچە ئالتۇننى ھەر قانداق دۆلەتتە ھەر قانداق ئۇستا زەرگەرگە ياساتقاندىمۇ يەنىلا تەييار ئالتۇن زىننەت بۇيۇمىنىڭ باھاسىدىن ئەرزان بولىدىكەن.