ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى، ئارقىدىن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا خىتاينىڭ دېڭىز چېگراسىغا ئىنتايىن يېقىن جايدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىشى بىلەن تېخىمۇ يىرىكلەشكەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت زىيارىتىدە بولۇشى دىققەتنى ئالاھىدە تارتماقتا.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىچىلەر تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزمەكتە. مۇلاھىزىچىلەر بىردەك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىلا ھەم ھەمكارلىق ھەم توقۇنۇش ئىچىدە داۋام قىلىدىغانلىقىدەك پىكىردە ئورتاقلاشماقتا.

دەرۋەقە، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىسنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشى ۋە خىتاينىڭ دەل شۇ پەيتتە ج-20 تىپلىق راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سىناق قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى تارقىتىشى بۇ كۆزقاراشلارنى كۈچلەندۈرمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېيتىس ياپونىيىنىڭ كېيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتىنى قايتا تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە: "ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىسى بولمىغان بولسىدى، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى تېخىمۇ ھەدىدىن ئاشقان بولاتتى. ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى، خىتاي ئۆزىنىڭ قوشنىلىرىغا تېخىمۇ كۆرەڭلىگەن بولاتتى،" دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىسى ئارقىلىق ياپونىيە بىلەن رايوندىكى ئورتاق دۈشمەنلىرىنىڭ ھەرىكىتى، ئۇلارنىڭ رايوندىكى تەھدىتى ۋە ھەربىي كۈچى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ رەئىسى مايك موللىنمۇ، "خىتاينىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكىنى نىشان قىلغان "دەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۇمانىنى تىلغا ئالغان. گەرچە خىتاي ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ھېچكىمنى نىشان قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئامېرىكىنى ئىشەندۈرەلمىگەندەك قىلاتتى.

بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئىككى لېدىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا شىمالىي كورىيە مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئوخشاش قېيىن تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"ئامېرىكىدا بۈگۈن" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىلارىي كلىنتون سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: "ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھازىر ناھايىتى ھالقىلىق بىر پەيتكە يېتىپ كەلدى. بىز ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك." دېگەن.

دەرۋەقە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئالدىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى قاتارلىق 9 ئورۇن بىرلىكتە پرېزىدېنت ئوباماغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، باراك ئوبامانى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىشى ۋە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شياۋبونىڭ خەلقئارا بېسىمىغا قارىماي يەنىلا خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىمۇ ئۆتكەن يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچىسى بولغان ئوبامانىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنى تۈرمىدە سولاپ قويغان بىر دۆلەتنىڭ باشلىقى بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

"ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئوبامانىڭ بۇ قېتىم خۇ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان. گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان ۋە قانداق قىلغاندا خىتايدىكى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىققان. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا بىللە قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئوچۇق ياكى يېپىق سۆھبەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنى پۈتۈن بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا خۇ جىنتاۋ بىلەن باراك ئوباما ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ھەر ئىككىلا تەرەپنى قاتتىق تەلىتىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر ئامېرىكىدىكى بەزى مەتبۇئاتلار خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى "كۆلەملىك ھەمكارلىق ۋە ئىجابىي نەتىجە" دىن ئىبارەت ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما، ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ئىككى كۈچنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، يالغۇز بىر تەرەپنىڭ كۈچىشى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.