دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېتەرسىز تەرەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جەمئىي 79 بەتلىك بۇ دوكلات 15- فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا يوللىغان بولۇپ، دوكلاتنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى دىپلوماتىيىدە ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە تەدبىر ئالمىسا بولمايدىغانلىقىغا يىغىنچاقلانغان.
دوكلاتتا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ بازار ۋە ئىناۋەتلىك قەرز ئىشلىرى جەھەتتە بىر بىرىگە تايىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى بارغانچە كۆپەيتىشى ۋە خىتايدا كۆتۈرۈلۈۋاتقان مىللەتچىلىك؛ ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى ئورنىغا بېسىم پەيدا قىلماقتا.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت سىستېمىسىدىكى ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى دىپلوماتىيىدە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشۈۋاتقانلىقى، ھالبۇكى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان بۇ خىلدىكى ئاممىۋى ھەرىكەتلىرىگە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېپىق سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.
دوكلاتتا بۇ ھەقتە مىسال سۈپىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ خىتايدا پەقەت بەش ئورۇندا ئامېرىكا مەركىزىي بار، ئەمما خىتاينىڭ بولسا ئامېرىكىدا 70 كۇڭزى ئۇنىۋېرسىتېتى بار. بۇ تەڭپۇڭسىزلىق خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنيا سەھنىسىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئۆكتەملىك بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىنى بولمايدۇ.
دوكلاتتا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى قاتتىق قامال قىلىلا قالماستىن بەلكى، بۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى چەتئەللەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئاخبارات قاناللىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش تەدبىرلىرى دوكلاتنىڭ «بايقاشلار ۋە تەكلىپلەر» قىسمىدا تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايچە، گۇاڭدۇڭچە، ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئىزچىل چەكلەپ كەلدى. ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بەتلىرىنى خىتاينىڭ « چوڭ ئوت سېپىلى» توستى.
خىتايدا يەنە Fachebook، Youtube، Twitter قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ تاقالغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا، خىتاي يولغا قويغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئاممىۋى دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا ۋە خىتاي خەلقى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى زەھەرلىك يېمەكلىكلەر، دۆلەت نوپۇسىدىكى قېرىلىشىش، خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، كەلگۈسى 50 يىلدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن خۇددى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدەك بەسلىشەلەيدىغان ئورۇنغا ئۆتۈش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ خىل بەسلىشىش ئىقتىسادىي چەمبىرەكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەربىي يۆلىنىشكە ئۆتۈپ كېتەمدۇ، بۇنىسى تېخى بىز گە نامەلۇم.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: شۇنىسى بىزگە ئېنىقكى، دۆلىتىمىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسەتتە بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان رولىغا قارىتا ھېچقانداق تەييارلىق كۆرگىنى يوق.
دوكلاتتا خۇلاسە سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى بىلىش، خىتاينى چۈشىنىش قەدىمىنى تىزلىتىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.
رىچارد گ. لۇگار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، لۇگار ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئاممىۋى دىپلوماتىيىسى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە جەمئىي ئۇچ پارچە دوكلات سۇنغان.
رىچارد گ. لۇگارنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتى، خىتاي بۇ يىللىق ئامېرىكا سودىسىدا يەنە پايدا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.