ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1999-يىلى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى قايتا باشلىغاندىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت پات يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەزكۇر سۆھبەت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ماقۇللۇقى بىلەن قارار قىلىنغان ئىدى. لېكىن بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت خىتاينىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن، نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى تەنقىدكە ئۇچراپ، بۇ تۈرلۈك دىئالوگلارنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان گۇمان كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
سۆھبەت تېمىسىنىڭ كونكرېت قانداق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدا دائىم مۇزاكىرە قىلىنىدىغان دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى، قانۇننىڭ رولى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئائىت بەزى كونكرېت دېلولارغا دائىر ئەنئەنىۋى تېمىلاردىن سىرت، بۇ قېتىم يەنە يېقىندىن بېرى قولغا ئېلىنغان ۋە نەزەربەند قىلىنغان بەزى ئۆكتىچى شەخسلەرنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، سۆھبەت مەزمۇنىغا دائىر بەزى يىپ ئۇچلىرىنى بەرگەن.
دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، «مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن بۇ يەردىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئىبادەتخانا (يەنى سىچۈەننىڭ ئابا تىبەت ناھىيىسىدىكى كىرتى ئىبادەتخانا) مەسىلىسىنى سورىغانلىقىڭلار ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭلاردىن خەۋىرىم بار. بىز يەنە يېقىنقى تۇتقۇن قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىنى، جۈملىدىن خىتايدىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە ياكى خەلق ھوقۇقى ئاكتىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرىنى سۆزلەشكەن. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ» دېگەن. ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا، بۇ يىغىننىڭ دەل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتونغا توپلىنىپ، چوڭ خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشىدۇر.
ۋاشىنگتوندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېلەر ئايدىكى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ مەزمۇنى يۇقىرىقى مەسىلىلەر بىلەن چەكلەنمەيدۇ ۋە شۇنداقلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ۋاشىنگتوندىكى مەزكۇر دىئالوگ مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە قويۇشىغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ جىددىي دەپ قارايدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ۋاشىنگتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا تەييارلىنىۋاتقان بىر چاغدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيد يېتەكچىلىكىدىكى كېڭەش پالاتاسىنىڭ 10 كىشىلىك بىر زىيارەت ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان. زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىكى 10 كىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك پارتىيىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سەرخىللىرىدۇر. يەر شارى ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك، سودا، پۇل-مۇئامىلە ۋە تاشقى سىياسەت قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن مەزكۇر زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلار بولۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق ئۇلار مۇزاكىرە قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە. رابىيە قادىر خانىم، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئورنىدا نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بۇ خىل دىئالوگنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن دىئالوگ ئېلىپ بارمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ غەربنى كولدۇرلىتىپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دىئالوگ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ كەسكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىيىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىشى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بەزى مەسىلىلەردىكى ھەرىكەت قابىلىيىتىنى چەكلەپ قويغان. ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي زىيالىيسى ۋە يازغۇچى شې شۈەنجۇن، بۇ ئەھۋالدا دىالوگنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «بۇنىڭ رولى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ۋە پىكىرلىرىنى دىئالوگدىن ئىبارەت بۇ قانال ئارقىلىق بىلدۈرۈپ قويۇش. بۇنىڭ جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا چوڭ ياردىمى تەگمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ياردىمى تەگسە، ناھايىتى كىچىك ئىشلارغا ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىشنى خالايدىغان ئىشنى قىلىشى، قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى تۇرغان گەپ. ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان زۆرۈر ئىشلار بولسا قىلىدۇ. قىسقىسى بۇ خىل دىئالوگلارنىڭ تۈرتكىسى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى. شې شۈەنجۇننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى خاتالىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلە ئەمەس. بەلكى ھاكىمىيەت خاراكتېرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلە.
«5-ئىيۇل ۋەقەسى»گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتقان جىددىي مەسىلە. ئۇلار، خىتاينىڭ «5 -ئىيۇل ۋەقەسى»گە چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دېلولاردا قانۇن ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. شې شۈەنجۈننىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل قانۇنسىزلىقنى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگودا ئەدلىيە مۇستەقىل ئەمەس. ئۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قانۇن ماددىلىرىنىڭ ھەممىسى سىمۋول خاراكتېرلىك بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى يوق. شۇڭا قانۇن دائىم سۇيىئىستېمالغا ئۇچرايدۇ. ئەي ۋېيۋېينىڭ يېقىندا قولغا ئېلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر خەۋەر يوق. بۇ جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەۋىرىنى بېرەلمەيۋاتقانلىقى ئەمەس، قەستەن بەرمەيۋاتقانلىقىدۇر. ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىلەردە روھى ۋەھىمە پەيدا قىلىش. جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ئەي ۋېيۋېى مەسىلىسىگە قارىغاندا ناھايىتى ئېغىر. ئۇ ئەي ۋېيۋېيگە ئوخشاش بىر سەنئەتچىگە قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقان يەردە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنى سوتلاش، ئەلۋەتتە قانۇن بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدۇ. ھالبۇكى، خەلقئارا ئۆلچەمنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئۇ ۋاقتى كەلسە، ئۆزىنىڭ قانۇنىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ».