دوكلاتتا ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىن سودىكى قىزىل رەقەم، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە سالىدىغان تەھدىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە دۆلەت مەجلىسىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى سودا - ئىقتىساد ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە سالىدىغان تەھدىتىدۇر. دوكلاتتا خىتاينىڭ داۋاملىق خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىپ، ئادالەتسىز سودىدىن پايدا تېپىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۇلگەن.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشتىن بۇرۇن بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلىرىنى ئىجىرا قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېكسپورتنى تايانچ قىلغان خىتاي ئىقتىسادى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى كونترول قىلىش، مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى ھەقسىز يەر، ئەرزان ئەسلىھە ۋە ئۆسۆمسىز قەرز قاتارلىق ۋاستىلەر، باج قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلارغا قوشۇمچە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 2010 - يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى داۋاملىق چوڭايغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا خىتاي ئامېرىكىغا 229 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق تاۋار ئېكسپورت قىلغان. لېكىن ئامېرىكا ئوخشاش مەزگىلدە خىتايغا 55 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق مال ساتقان.
ئامېرىكىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سودا قىزىل رەقىمى 173 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلقىدىن 6.20 پىرسەنت كۆپەيگەن. دوكلاتتا يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسىغا قارىماي، خىتاي ئېكسپورت سودىسىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ چەتئەل كارخانىلىرىنى يەكلەپ، ئۆز كارخانىلىرىغا بىر تەرەپلىمىلىك يان بېسىشى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى كونترول قىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ رولى بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دانىئال سلېين، چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا "خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى كونترول قىلىشى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ۋە خىزمەت بازىرىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقى"نى ئەسكەرتىپ، " نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەش نىيىتى يوقلۇقى"نى بىلدۈرگەن.
دانىئال سلېين رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى بازىرىنى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئېچىۋېتىش نىيىتى بارلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقى، ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە ئامېرىكا كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەيتىشتىن باشقا يول قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، "مېنىڭ شەخسى قارىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرىزىدە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۈملىدىن ئاممىباپ ماتور ۋە ئاممىباپ ئېلېكتىر سانائىتى قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىپ رىقابەت قىلىشىغا يول قويۇش مەيلى يوق. ئۇلار پەقەت خىتاي - چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىسىنى خىتايلار ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن چەتئەل شىركەتلىرىگە بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى پەقەت ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كېلىش بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئامېرىكىلىقلارغا خىزمەت تېپىپ بەرگىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم باج جەھەتتە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
دانىئال سلېيننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، چەتئەل كارخانىلىرىنى يەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەركەز، ئۆلكە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن سودا توختامى تۈزۈشىنى پۈتۈنلەي توساشقا تىرىشماقتىكەن. ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتى 2000 - يىلى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشتىن سەل بۇرۇن قۇرۇلغان دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش ئورگانى بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا - خىتاي سودا ئىقتىساد مۇناسىۋىتى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە يەتكۈزىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە دوكلات ھازىرلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە يوللاشتۇر.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە سالىدىغان تەھدىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ زامانىۋېيلىشىش قەدىمى تېزلەشكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى بازىلىرىغا ۋە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەھدىت سېلىش كۈچى ئاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا، "ئەگەر خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا قاراتقان ھەر قانداق ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى مۇپپەقىيەت قازانسا، رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىشى مۇمكىنلىكى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كارولىن بارتومولىئو، چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان كۈچىنىڭ زامانىۋېيلىشىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي كۈچى ۋە ھەربىي بازىلىرىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارى ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. كومىتېت رەئىسى دانىئال سلېين بولسا خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلىسا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىشىنى توسىيالايدىغان قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيە كۈچى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" : خىتاي ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش قەدىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سۈرۈۋاتىدۇ. ھاۋا ئارمىيىسى جەھەتتە 4 - ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتتى. خىتاي يەنە تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىشىنى توسالايدىغان قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيە كۈچى بەرپا قىلماقتا. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ، خىتاي جاسۇسلىرى ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆپلەپ ئوغرىلاپ، بېيجىڭنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە تور ھۇجۇمى مەيلى كۆلەم جەھەتتىن، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى جەھەتتىن ۋە ياكى تەجرىبە جەھەتتىن بولسۇن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.