ئامېرىكا ئالىي سوتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈشنى رەت قىلدى

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى، سوتچى رىچارد ئوربىنانىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۈسلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ قانۇنلۇق بولغان ‏- بولمىغانلىقىنى كۆرۈشۈش مەسىلىسىنى شەرتلەر ئۆزگەرگەن دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىپ، مەزكۈر قارارنىڭ ئوتتۇرا سوتتا قايتا كۆرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قارار قىلدى.

0:00 / 0:00

ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى قانۇنىي جەھەتتىن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ ئالىي سوتنىڭ قارارىدا كۆرسىتىلگەن ۋە ئۆزگەرگەن شەرتلەر نېمە؟ گۈەنتانومودىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغان پالاۋ دۆلىتىگە بېرىشنى خالىمىدى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بىز ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.