"ئاساسىي قانۇندىكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە"
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى چىقارغان گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمى، مەھكىمىدىكى 9 نەپەر ئالىي سوتچىنىڭ ئىچىدە 4 ىنىڭ قارشى بىلەت تاشلىشى، 5 سوتچىنىڭ قوللىشى بىلەن چىقىرىلدى. ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە 2006 - يىلى ماقۇللانغان تۇتقۇنلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش مەزمۇنىدىكى تۇتقۇنلار مۇئامىلە قانۇنى تۇتقۇنلارنى ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھۆكۈمنامىدە تۇتقۇنلار " ئاساسىي قانۇندىكى ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە،" دەيدۇ.
ئالىي سوتچى ئانتونىي كېننېدىي ھۆكۈمنامىغا بەرگەن ئىزاھاتىدا " قانۇنلار ۋە ئاساسىي قانۇن ھەر قانداق پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىمۇ ئەسلىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن. ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ تۇتقۇنلارغا ئامېرىكا زېمىنىدا سوت مەھكىمىسىگە چىقىش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئادۋوكاتلار ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمىنى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ "زور غەلىبىسى" دەپ قارىماقتا.
"ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى بىزنى ناھايىتى مەمنۇن قىلدى"
ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى "ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى مەركىزى" نىڭ ئادۋوكاتى كىبرېي خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى تۇتقۇنلارغا ھەقىقىي سوتچىلارنىڭ قولىدا سوتلىنىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى تۇتقۇنلارنىڭ "زور غەلىبىسى" دەپ تەكىتلىگەن كېبرېي"ئالىي سوتنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزىيەت ھوقۇقىغا دائىر ھۆكۈمى بىزنى ناھايىتى مەمنۇن قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلار مۇئامىلە قانۇنى ۋە گۈەنتانامو ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ تۇتقۇنلارنى ئەرزىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ھالەتنى رەت قىلدى. بۇ دېگەنلىك گۈەنتانامودىكى 270 نەپەر كىشى ئەرزى قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا فېدىراتسىيە سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلالايدۇ، دېگەنلىكتۇر.
ئۇلار 6 يېرىم يىلدىن كېيىن ئاخىرى ھەقىقىي سوت ۋە ھەقىقىي سوتچىلارنىڭ قولىدا سوتلىنىش، ھۆكۈمەتتىن ئۆز جىنايىتىگە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش، دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ راست يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. بۇ ناھايىتى بۈيۈك بىر كۈن " دەيدۇ. گۈەنتانامودىكى ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىسىدە ئەل - قائىدە ۋە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن 270 نەپەر گۇماندار ئارىسىدا 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچى گۇماندارى خالىد شەيخ مۇھەممەت، رەمزى بىنالشىخ قاتارلىقلار بار. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئەل - قائىدە ۋە تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىگۇناھ كىشىلەر، دەپ قارالماقتا ئىدى.
ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدىكى خۇزەتفا پەرھات قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ قانۇنسىز تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسىگە داۋا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي سوت كوللىگىيىسىنىڭ قارارلىرىنى ئاغدۇرۇۋىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنىڭ ئۆزى بىر تالاش- تارتىش تېمىسى بولۇپ قالغان ئىدى.
" دەلىل - ئىسپاتى بولسا سوت مەھكىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش پۇرسىتىمىز بار "
"ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى مەركىزى"دىكى كېبرېي خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا ، ئەمدىكى مەسىلە تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا فېدىراتسيە سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىشتۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" كېيىنكى قەدەمدە گۈەنتانامودىكى كۆپچىلىك تۇتقۇنلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزى كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىدىكى بىر ئامېرىكا فېدىراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈۋاتقان ئىدى. ئەمدى قولىمىزدا تۇتقۇنلارنىڭ ئەرزىيەت ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى بار. دىلونى ئەمدى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۇلار ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدىكى قانۇنىي ئاساسى توغرىسىدا سوتچىنىڭ ئالدىدا ئىپادە بەرسە بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
گۈەنتانامودىكى خۇزەيفا پەرھاتنىڭ ئەرزى، ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرىدا ئامېرىكا ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي سوت كوللىگىيىسى چىقارغان ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكى تالاش - تارتىش ياراتقان ئىدى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى فېدىراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسىنىڭ بىر سوتچىسىغا يازغان خېتىدە، ئەرزىيەت مەھكىمىسى دىلوغا دائىر قارار چىقارسا گۈەنتانامودىكى ھەربىي سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن. ۋاشىنگتوندىكى بىر فېدىراتسىيە ئەرزىيەت مەھكىمىسى پەرھاتنىڭ ئەرزىنى ھازىرغا قەدەر ھۆكۈم چىقىرىلماي ساقلاۋاتاتتى.
ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى خۇزەيفا پەرھادنىڭ دىلوسىغا قايسى جەھەتلەردە تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى مەركىزىدىكى كېبرېي خانىم بۇ ھەقتە: "بۇ يەردە ئىككى مۇمكىنچىلىك بار. بىرى، ھېبىس كورپۇس يەنى ئەرزىيەت ھوقۇقى قانۇنىنىڭ يولىغا باش ئۇرۇش. يەنە بىرى،ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلار مۇئامىلە قانۇنى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن قىلىنغان ئەرزىلەر كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى فېدىراتسىيە سوتىغا بېرىلگەن. لېكىن بىز بۇ يولنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى ئالىي سوت بۈگۈن بۇ يولنىڭ تۇتقۇنلارغا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەرزىيەت ھوقۇقى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى بۇنىڭدا تۇتقۇنلارغا دەلىل - ئىسپاتلار كۆرسىتىلمەيدۇ، دەلىل - ئىسپاتلارغا قارشى ئەرزى - شىكايەت قىلالمايدۇ، سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى قويۇۋىتىشكە بۇيرۇيالمايدۇ. شۇڭا بۇ بىز ئۈچۈن ئاقىدىغان يول ئەمەس. لېكىن بىزنىڭ خېبىس كورپۇس قانۇنىغا ئاساسەن فېدىراتسىيە كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى فېدىراتسيە سوتىغا مۇراجەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پەرھات ۋە باشقا كىشىلەرنى نىمىشقا ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سوراش... بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىگە دائىر دەلىل - ئىسپاتى بولسا سوت مەھكىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش پۇرسىتىمىز بار،" دەيدۇ.
" بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن زور توسالغۇ "
ئالىي سوتنىڭ پەيشەنبە كۈنكى ھۆكۈمى بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن زور توسالغۇ، دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي شۇ كۈنى ئالىي سوتنىڭ قارارى ئۈستىدە تەتقىقى ۋە تەدبىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلى خىتاي سوراقچىلارنىڭ گۈەنتاناموغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ خىتاي سوراقچىلارغا ياردەملەشكەنلىكى تەنقىد قىلىنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا پېنسلۋانىيىلىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى جوي پىتتس ۋە باشقىلار، بۇ ۋەقە ئۆزلىرىنى ناھايىتى بىئارام قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.