ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سمىت ئارزۇگۈل مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا نارازىلىق خېتى يازدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن Christopher Smith ئارزۇگۈل تۇرسۇن مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ نارازىلىقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەھشىلىكنى توختىتىشقا، يەنى ئارزۇگۈل تۇرسۇنغا قارىتا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

0:00 / 0:00

Christopher Smith ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجىلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇ بۇ نارازىلىقىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگىتون باش ئەلچىسى Zhou Wenzhong غا يەتكۈزدى.

Christopher Smith نىڭ نارازىلىق باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: " نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئايال ئارزۇگۈل تۇرسۇن دوختۇرخانىدا نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ ۋە بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق بىر ئوپېراتسىيىنى كۈتۈپ ياتىدۇ. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوپېراتسىيىنى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن."

" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئارزۇگۈلنىڭ ئەھۋالىنى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىپ ماڭىدۇ."

پىلانلىق تۇغۇت خىتايدا 80 ‏ - يىللاردىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا بولسا 90 ‏ - يىللاردىن باشلاپ قاتتىق يولغا قويۇلماقتا. دەسلەپكى يىللاردا پىلانلىق تۇغۇت خىتايدا دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنغان بولسا، 2002 ‏ - يىلدىن باشلاپ قانۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا، پىلاندىن ئارتۇق ھامىلىنى ئائىلىلەرنىڭ ئىختىيارى بىلەن ئېلىۋېتىشكە بولىدىغانلىقى ئەمما مەجبۇرىي ئېلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

مانا بۇ بەلگىلىمە سەۋەبلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى بۇيىچە ياردەم پۇل ئاجراتقان ۋە خىتاينىڭ بۇ ياردەم پۇلنى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئانا - بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىشىنى شەرت قىلغان.

مانا ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان Christopher Smith نارازىلىق باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: "مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ۋەھشىيانە ھەرىكەت خىتايدا يېڭى ۋەقە ئەمەس؛ ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئوپىراتسىيە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ساختىپەزلىكىنى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتايغا بېرىلىۋاتقان نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ياردىمىنىڭ قانداق ئورۇنغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلايدۇ."

Christopher Smith باياناتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئارزۇگۈلنىڭ ئەھۋالىنى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىپ ماڭىدۇ."

ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان Mcclatchy گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بۈگۈن سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، ئارزۇگۈل ئائىلىسى مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە توختامغا مەجبۇرىي قول قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر سېستىرالاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە سېسترالار ئەسلىدە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن خەلقئارادىن كەلگەن تېلېفونلار سەۋەبلىك ئوپېراتسىيىنى دۈشەنبىگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت ‏ - ئېتىبارى كۈندىن ‏ - كۈنگە ئاشماقتا. ئەمما يەرلىك دائىرىلەر ئۆز ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرماقتا.

بۇ ئەھۋالغا، ئارزۇگۈل تۇرسۇننى دوختۇرخانىغا ئوز قولى بىلەن ئاپارغان بۇلاق كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى رەشىدەمۇ پىكرىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.