ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر خىتاي رەھبەرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغانلىقى مەلۇم

ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتىدىكى مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەر قوزغالدى. بۇنىڭ ئىچىدە دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بىر قىسىمنى بەزى خىتاي مۇلاھىزىچىلەر ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتىدىكى مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەر قوزغالدى. بۇنىڭ ئىچىدە دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان مۇلاھىزىلەرنىڭ بىر قىسىمنى بەزى خىتاي مۇلاھىزىچىلەر ئوتتۇرىغا قويدى.
بەزىلەر ئامېرىكا ئاسىيا سىياسىتىنى «خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش ئۈچۈن» ئۆزگەرتتى دەپ كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەر ئەكسىچە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن ھەپتە ھاۋايدا چاقىرىلغان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا خىتاي ئارىلاشتۇرۇلمىغان بىر ئەركىن سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ خىتاينى ھەيران قالدۇرغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، ئارقىدىنلا ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىپ، مەلۇم نىسبەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاۋسترالىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئوباما يەنە ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا چاقىرىلغان «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» نىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، «شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى»غا ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي «شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» نىڭ دائىملىق مېھمىنى بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇ ئۇچرىشىشقا ھازىرغىچە قاتنىشىپ باقمىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مەزكۇر ئۇچرىشىش تارىخىدا تۇنجى بولۇپ بۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ قالدى.

ئوباما بۇ يىغىن جەريانىدا يەنى 19 - نويابىر شەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى، سپراتىل ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتايغا بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلەتتى.

خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇشى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم خىتاينى جازالايدىغان قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرۇشقا تۇتۇنغان ئىدى.

سپراتىل ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىداش ئەللەر ئارىسىدا كۈچلۈك جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

خىتاي مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە 3 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭلىكتىكى مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ دەپ كۆرسىتىپ مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، تەيۋەن، مالايشىيا، برۇنېي ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەزكۇر دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭمۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەمدە مەزكۇر دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭمۇ دۆلەت مەنپەئىتى بارلىقىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي بۇ مەسىلىنى دېڭىز چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياپون قاتارلىق دۆلەتلەر مەسىلىنى كۆپ دۆلەت ئارىلاشقان يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنى كۆپ دۆلەت ئارىلاشقان ھەمدە تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىش پىكرىنى مۇقىملاشتۇرغان.

يىغىن جەريانىدا ئوباما يەنە، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يۆتكەيدىغانلىقىنى ھەمدە 50 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدىن يىراقلىشىپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلگەن بېرمىغا تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلچىسىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 21 - نويابىر جەنۇبىي دېڭېزى مەسىلىدە خىتاينىڭ مەيدانى مۇقىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، فىلىپپىن بىلەن سۆھەبت ئۆتكۈزىدىغان قاناللارنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھالبۇكى، يۇقىرىقىلارغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي شەكىلدە ئېتىراز بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە ئوبزورلار ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى تاۋ ۋەنجاۋ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغان ئېلىپ: بۇلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئامېرىكا شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان تەسىرىنى چەكلىمەكچى، دېدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا، ئۆزىگە قوشنا باشقا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئامېرىكىنىڭ پىچكىسى بولۇشىنى تاللىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت خىتايدىن ئىقتىسادىي نەپ ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، تاشقى سىياسەت ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەتتە خىتاينىڭ ئۇتۇپ چىقالايدىغان ياكى چىقالمايدىغانلىقى ھەققىدە پىكرى يۈرگۈزگەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى يەن شۆتۇڭنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى ئۆزگىچە.

ئۇ، «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاينىڭ پەقەت پۇلغا تايىنىپلا باشقا ئەللەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمايدىغانلىقىنى، پەقەت پۇلنىلا چىقىش نۇقتىسى قىلغان مۇناسىۋەتنىڭ سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەن شۆتۇڭ، خىتاي دۇنيا ئەللىرىنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك دېگەن سوئالغا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش مېخانىزمى ھەمدە ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدە كىشىلەر خالايدىغان ۋە چەتئەلدە كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بىر ئەندىزىنى يارىتىش شەرت، دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، خىتايدا نۆۋەتتە ئەۋج ئالغان «پۇل ئېتىقادچىلىقى» نىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىنى دەسسىتىش، ئىجتىمائىي ئەدلى - ئادالەتنى ياقىلاش ئۈچۈن سىياسىي چېرىكلىكنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەن شۆتۇڭ ماقالىسىدە گەرچە ئامېرىكا بەزى خاتالىقىڭلارغا يولغا قويغان بولسىمۇ، ئافغانىستان، ئىراق ۋە لىۋىيىدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيىدە تەڭلا ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلالىغانلىقى، ئەكسىچە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىگىچە 1984 - يىلدىكى ۋيېتنام ئۇرۇشىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەسلىكى، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە 50 دىن ئارتۇق يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولسا، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە شىمالىي كورىيىدىن باشقا ئىتتىپاقدىشى يوقلۇقى، ھەتتا بۇ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ تازا ئىشەنچلىك ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى يازغان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا: خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدە يېتەكچىلىك ئورنىغا ئېرىشىشكە تېرىشىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىدا چوقۇم بىر تەرەپ ئۇتتۇرىدۇ. بۇ بىر خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش جېڭى بولۇپ، كىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىسا شۇ ئاخىرىدا يېڭىپ چىقىدۇ. خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدە قەيت قىلىنغاندەك، قايسى دۆلەت ئادەمنى كۆپرەك يېتەكچى ئامىل قىلالىسا شۇ دۆلەت ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقىدۇ.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بۇ نۆۋەت ئاشكارىلىغان ئاسىيا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى شى يىنخۇڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە تازا تەييار ئەمەسلىكىنى يازغان.