ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا سۇنۇلغان قارار لايىھىسىدە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇشىنى مەقسەت قىلغان قارارلار شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.
574 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھىسىدىن يەنە بىر پەرقلىق تەرىپى، بۇ قارار لايىھىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. قارار لايىھىسىدە، "بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەزىيىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى قوغدىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا،" دېيىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى شېرىد براۋن تەرىپىدىن دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا سۇنۇلغان قارار لايىھىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۆز ئېلىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى فابرىكا ۋە كارخانىلارغا يۆتكەش سىياسىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئۆي-يۇرتلىرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا ئىشلەپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
574 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەردىن سىرت يەنە، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا داۋاملىق تەن جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىمۇ تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىرىنى ۋەيران قىلماقتا،" دەپ كۆرسىتىلگەن.
شېرىد براۋن تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ 2007- يىلى 6- ئايدا پراگا شەھىرىدىكى باياناتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارايدۇ، دېيىلگەن.
574 - نومۇرلۇق قارار لايىھىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى، تىنچلىق بىلەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان بېسىملارنى توختىتىشىنى ۋە كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كانادادىكى ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،" دېيىلگەن.