ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى ئوربىتىدا قازانغان ئاجايىپ نەتىجىلەر نېمە؟

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئوربىتىدا يېڭى تېخنىكا سىناق قىلىپ تۇرۇۋاتقىلى 469 كۈن بولغان X-37B بەلگىلىك ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانى 6‏-ئاينىڭ 18-كۈنى كالىفورنىيىدىكى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قايتىپ كەلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانى 6‏-ئاينىڭ 18‏-كۈنى كالىفورنىيىدىكى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قونغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ 80 سېكۇنتلۇق ۋىدېئوسى ئېلان قىلىندى. «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» بۇ ئايروپىلانغا دائىر فوتو رەسىملەرنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مەلۇم بولغان يېڭى ئۇچۇرلارنى «مۇنسى» مۇنچىە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانى، 2011-يىلى 3-ئايدىن ئېتىبارەن ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ يېڭى ھەربىي تېخنىكا سىناق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئوربىتىدا 469 كۈن ئايلىنىپ يۈرگەن ۋە خىتاينىڭ «خاسىيەتلىك9» دەپ ئاتالغان ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كېرىپ، ئوربىتىدا ئاللىقاچان ئايلىنىپ يۈرگەن «ئەرش ئوردىسى1» گە ئۇلىنىپ بولغاندىن كېيىن كالىفورنىيىگە قايتىپ كەلگەن.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى 2006‏-يىلىدىن ئېتىبارەن قوللىنىشقا باشلىغان بۇ X-37B بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننى بوين شىركىتى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. بۇ خىل كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئۇزۇنلۇقى 8 مېتىر 80 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 2 مېتىر 70 سانتىمېتىر، قاناتلىرى 4 مېتىر 60 سانتىمېتىر يېيىلىدۇ، 5 توننا چامىسىدا يۈك كۆتۈرۈپ ئۇچالايدۇ. ئۇ يېقىلغۇ قوللانماي، بەلكى بىرخىل ئالاھىدە ئىشلەنگەن قۇياش ئېنېرگىيىلىك باتارېيە قوللىنىدۇ. بۇ ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئۇ، كالىفورنىيىگە ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقاندا سارغۇچ نۇر بولۇپ كۆرۈنگەن، ئايرودرومغا ئادەتتىكى ئايروپىلانلاردىنمۇ يەڭگىل قونغان.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل ئايروپىلاننى، سۈرئىتى سۈنئىي ھەمراھىدىن ۋە ئالەم كېمىسىدىن تېز، مەلۇم دائىرىدە رازۋېدكا قىلىشقا ئەڭ قۇلايلىق ئايروپىلان، دەپ قارايدىكەن.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاستروفىزىكا مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل ئايروپىلاننى، يېڭى ھەربىي تېخنىكىلارنى سىناق قىلىدىغان ئايروپىلان دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىنىڭ X-37B بەلگىلىك ئايروپىلانى سۈنئىي ھەمراھ قىرغۇچى ئايروپىلان بولۇشى مۇمكىن ياكى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ «ئاۋىئاماتكىسى» بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلەر بار ئىكەن.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان خەۋەرلەردە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك بۇ ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانىنى، خىتاينىڭ «خاسىيەتلىك كېمە9» دەپ ئاتالغان ئالەم كېمىسى ياكى خىتاينىڭ ئاللىقاچان ئوربىتىدا ئايلىنىپ تۇرۇۋاتقان «ئەرش ئوردىسى1» بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئەمما «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە، ئامېرىكىنىڭ X-37B بەلگىلىك سۈنئىي ھەمراھ قىرغۇچى ئايروپىلانى، خىتاينىڭ «خاسىيەتلىك9» ئالەم كېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ «چۇەنچېڭ تورى» دا بولسا، خىتاينىڭ «خاسىيەتلىك9» ئالەم كېمىسى ئۇچار تەخسىگە يولۇققان، دەپ بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانى، خىتاينىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرگەن «ئەرش ئوردىسى1» نى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلانغان «خاسىيەتلىك9» نى بايقىغان ياكى بايقىمىغانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئەمما ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ X-37B بەلگىلىك ئالەم بوشلۇقى كۈرەشچى ئايروپىلانى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان يازغۇچى مايك ۋالنىڭ «ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى» دېگەن تور گېزىتىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق شتابى، X-37B ئوربىتىدا 469 كۈن يېڭى تېخنىكا سىناق قىلىش جەريانىدا، تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، دەپ جاكارلىغان. بۇ زادى قانداق ئاجايىپ نەتىجە؟ ئۇنىڭ تەپسىلاتى تېخى مەلۇم ئەمەس.