خىتاي شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 118 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغۇچىلار ئىچىدە 82 كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاۋگۇەن تەپتىش مەھكىمىسى 5 نەپەر خىتاي گۇماندارنى، قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن؛ يەنە 6 نەپەر خىتاي گۇماندارنى توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتقان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەزكۇر سوتتا سوتقا تارتىلغۇچىلار سانىنىڭ ئاز بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنايەت خاراكتېرىنىڭ تېگىشلىكتىن ناھايىتى كۆپ يەڭگىل بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قارىشىچە، شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 30، جىنايەت سادىر قىلغان خىتايلارنىڭ سانى بىرقانچە مىڭ. مانا مۇشۇنداق بىر زور كۆلەملىك كوللېكتىپ قاتىللىق ۋەقەسىنى، توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش جىنايىتى دەپ بېكىتىش؛ ئاران 11 كىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش جىنايەتچىلەرنى جاسارەتلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى شاۋگۇەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر سوت ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. دائىرىلەر شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە باشقا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
مۇخبىر بىر ئادۋوكاتتىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ جەريانى ۋە تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسى ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ ئۇچۇر يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ، سوت ئورۇنلىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىغان چېغىدا رەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈنكى باياناتىدا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن نامايىشقا چىققانلىقىنى، شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە يوللۇق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ھەتتا نامايىشتا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ، دۆلەتكە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداق ھالدا يەنە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئەمما ئۈرۈمچىدە قوللىرىدا كالتەك كۆتۈرگەن خىتاي نامايىشچىلارنىڭ ھېچقانداق ئەيىبلەنمىگەنلىكىنى؛ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە 4000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 7 - ئىيۇل ۋە 3 - سېنتەبىر ۋەقەلىرىدە ھېچ بىر خىتاينىڭ قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلىپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا شاۋگۇەن ۋەقەسى بىلەن باشلانغان زەنجىرسىمان ۋەقەلەردە، خىتاي قانۇنى ئىزچىل ھالدا قوش ئۆلچەم قوللانغىنى ئۈچۈن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جاسارەتلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئۈزلۈكسىز ھالدا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا جامائەتتىن، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن، خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بۈگۈن، شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنىڭ سوتلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، مەزكۇر سوتنىڭ نورمال قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئەمەس، بەلكى، سىياسىي ئېھتىياج بويىچە، يەنى خىتاي دۆلەت بايرىمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن ئېچىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شاۋگۇەن دائىرىلىرى 26 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋاملىق ھالدا سوتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما جەمئىي قانچە كىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.
تۇنجى قېتىملىق سوتتا ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنىڭ يەڭگىل بېكىتىلىشى، شاۋگۇەن ۋەقەسىدىكى گۇماندارلارنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە قاتتىق جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.