11 - سېنتەبىردىن كېيىن ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئۆزگەردى
لېكىن، ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى، داۋاملىق كۆپەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىگە قارىماي، خىتايغا قارىتا پرېزىدېنت بۇش سايلام جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتنىڭ ئەكسىچە بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
دەرۋەقە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېىشىغا كېلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، تەيۋەن ھەققىدىكى باياناتلىرى شۇنىڭدەك پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2002 - يىلى خىتايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە قىلغان سۆزلىرى، - دەيدۇ جاشىۋا كورلاتسىك نيۇ رىپوبلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، - ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسى بارلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن 11 - سېنتەبىردىن كېيىن ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.
11 - سېنتەبىر دىن كېيىن، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ ": بۇش ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىنى مۇھىم بىر ۋەزىپە دەپ قارىدى. ھالبۇكى ، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يەتكۈزەلەيدىغان ئانچە ياردىمى يوق ئىدى. چۈنكى خىتايدا ئامېرىكىغا تەھدىت قىلىدىغان رادىكال ئىسلامىي ھەرىكەتلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. لېكىن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىقىنى مۇھىم بىر ۋاستە دەپ قارىغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، 2002 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. ھالبۇكى ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر تېررورلۇق تەھدىتى ئىكەنلىكى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى ياكى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات يوق ئىدى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلىدىغان بىر مەسىلە ئىدى."
4000 يېقىنقى يىللاردا ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق نارازىلىقىغا ئۇچرىماي، 4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ ": خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ۋەزىيەتتىن، تىنچلىق بىلەن ئۆز دىنىي ۋە مىللىي ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا ، تاكتىكا ئۆزگەرتكەن تېررورچىلار دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلاندى. گەرچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئاقساراي ئىككى قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسى سۇنۇشنى رەت قىلدى. ھالبۇكى، پرېزىدېنت كلىنتون ھۆكۈمىتى، ھەر يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى قوللىغان ھەمدە بۇ ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى ."
پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
پرېزىدېنت بۇشنىڭ، 2005 - يىلى خىتايغا قاراتقان زىيارىتىدە، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەر مەسىلسىنى قەتئىي تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جاشۋا كورلانتسىك ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ ": پرېزىدېنت رېگان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىملىرى، موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا، رۇس سىياسىي ئۆكتىچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرغان. پرېزىدېنت كلىنتون ناھايىتى غەلىبىلىك ھالدا تۈرمىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپلىگەن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن شارائىت تەييارلىغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ، پرېزىدېنت كلىنتون ۋە ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مادلىن ئالبرايت، بىرنەچچىلىگەن قېتىم خىتاينىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى دۆلەت رەئىسى جىياڭ زىمىندىن تىبەتتىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىگەن. ھالبۇكى پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن يىلى خىتاي تېلېۋىزىيىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ قويمىغان شۇنىڭدەك پۈتۈن خەلقئارا جامائەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قايغۇلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، پرېزىدېنت بۇش، خىتاي رەھبەرلىرىنى خوش قىلىپ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان" .
بۇش ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىگە قارشى چىقتى
ماقالىسىدە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ، خىتاينى خۇرسەن قىلىدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر، ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، تەيۋەننى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ، كېيىنكى مەزگىللەردە، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەننىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ۋە لوس ئانجىلىس قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە توختاپ ئۆتۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
