ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى يەنى چوڭ سايلام باشلاندى

ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل 1 ‏ - ئايدا باشلانغان ئىدى. بۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 6 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ باسقۇچتا دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۆزلىرىنىڭ بىردىن پرېزىدېنت نامزاتىنى تاللاپ چىقتى. بۇلار دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيىندىن ئىبارەت.

0:00 / 0:00

ھازىر ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى يەنى چوڭ سايلام باشلاندى. بۇ باسقۇچ باشلانغان ھامان، ئىككى نامزات ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلە نېمە، بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىش لازىملىقىدىن ئىبارەت بىرىنچى چوڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. بۇ باسقۇچتا پۈتۈن سايلام ئەھلى ئىككى نامزاتنىڭ ئىچىدىن كىمنىڭ يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنى ياقتۇرسا، شۇنىڭغا ئاۋاز بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىككى نامزاتنىڭ بىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ باسقۇچ بۇ يىل 11 ‏ - ئايدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ باسقۇچتا سايلانغان بىر نامزات كېلەر يىلى 1 ‏ - ئايدا قەسەم بېرىپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ھازىرقى پرېزىدېنت جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئاق سارايدىن چىقىپ كېتىدۇ.

قارا تەنلىك باراك ئوباما ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ پرېزىدېنت نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

ئۇچۇر ۋاستىلىرى سايلام ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا، دېموكراتلار تەرەپتىن سايلام رىقابىتىگە چۈشكەن ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى خېلى بۇرۇنلا شاللىنىپ قالغان ئىدى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇشقا ئەڭ كۆپ يېقىنلاشقان ھىللارىي كلىنتون خانىممۇ شاللىنىپ قېلىپ، دەسلەپتە بۇ پارتىيىنىڭ بىردىنبىر پرېزىدېنت نامزاتى بولالىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان باراك ئوباما ئامېرىكا قارا تەنلىكلىرىدىن چىققان ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ سايلاندى.

ھىللارىي كلىنتون خانىم نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولدى؟

ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيىسى تەرەپتىن سايلام رىقابىتىگە چۈشكەن، مول سىياسىي تەجرىبىگە ئىگە، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال نامزات ھەم بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا بىردىن ‏ - بىر نامزاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ چىقىم تارتقان ھىللارىي كلىنتون خانىم نېمە ئۈچۈن باراك ئوباماغا ئۇتتۇرۇپ قويدى؟

ئامېرىكا ۋېرجىنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناس پروفېسسورى ساباتتونىڭ قارىشىچە، ھىللارىي خانىم ئاقسارايدا باش خانىم بولۇپ 8 يىل تۇرغان مول سىياسى تەجرىبىگە ئىگە ۋە ئامېرىكا تارىخىدا پرېزىدېنتلىق نامزاتى رىقابىتىگە چۈشكەن تۇنجى ئايال بولغانلىقىنى ھەددىدىن تاشقى گەۋدىلەندۈرۈپ ھاياجانلىق نۇتۇق سۆلەپ، ئوبامانى ھامان شاللىنىپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنلىكى ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا بىرىنچى سەۋەب بولسا، ئۇنىڭ ئېرى، ناھايىتى تەجرىبىلىك سابىق پرېزىدېنت دەپ قارىلىۋاتقان بىلل كلىنتوننىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئىپادىلىگەن ناچار قىلىقلىرى ۋە بۇ قېتىم ھىللارىي خانىمنى قوللاش جەريانىدا يەنە ئىرقى مەسىلىدە نامۇۋاپىق سۆزلەپ قويغانلىقى ئىككىنچى سەۋەب بولدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھىللارىي خانىمنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان ئۈچىنچى سەۋەبمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ، ھىللارىي خانىم گەرچە ھازىر سايلامدا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2002 ‏ - يىلى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلغاندا، ئۇ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشنى قوللىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا، ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان ئاۋازلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئەينى ۋاقىتتا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى ئاۋاز بەرگەن باراك ئوباما ئېرىشتى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ھازىر ئوباما بىلەن جوھن ماككېيىن رىقابەتكە چۈشتى

ئىككىنچى باسقۇچلۇق چوڭ سايلام 6 ‏ - ئاينىڭ 3 ‏ - كۈنى باشلانغاندىن كېيىن، دېموكراتلار نىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيىن ئىككىسى ھازىر رىقابەتكە چۈشتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلە نېمە، بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىقتىسادىي سىياسەت قوللىنىش لازىملىقىدىن ئىبارەت بىرىنچى چوڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.

ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام ئەھۋالى ھەققىدە نەق مەيداندىن بېرىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن باشلىغان تۇنجى سايلام نۇتقىدا، رىقابەتچىسى جوھىن ماككېيىننى، ئەگەر ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانسا، قاتمۇ - قات قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، دېدى. ئۇ ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ مالىيە سىياسىتىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز سىياسەت، دەپ ئەيىبلىگەندە، جوھن ماككېيىننى جورج بۇشنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ نۇتقىدا يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەر داۋاملىق تۈردە پرېزىدېنت بۇشنىڭ خەلقتىن ئېلىنىدىغان باجنى يېنىكلىتىش دېگەن پىلانىنى قوللاۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى شۇقەدەر كۆپ قەرزى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ، دەپ خىتاپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن ماككېيىن ئۆزىنىڭ سايلام نۇتقىدا، باراك ئوبامانىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلىپ، دېموكراتلارنىڭ خەلقتىن ئېلىنىدىغان باج ئازايتماي بەلكى كۆپەيتىدىغان ھەر قانداق سىياسىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى زەيىپلەشتۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ئىككى نامزات بۇنىڭدىن كېيىن يەنە، ئامېرىكا دىپلوماتىيىسى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى، مائارىپ قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەردە مۇنازىرىلىشىدۇ. ئامېرىكا خەلقى قايسى نامزاتنىڭ يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىسا، شۇنىڭغا ئاۋاز بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى نامزاتنىڭ بىرى پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ چىقىدۇ.