ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن، دۆلەت مەجلىسى مەخسۇس خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.02.16
gaw-jisheng-ayali-guwaliq-305.jpg گاۋ جىشىڭنىڭ خانىمى گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2012-يىلى 14-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
chrissmith.house.gov

يىغىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن گاڭ جىشىڭ بىلەن گۇ چۈەننىڭ ئايالى گۇۋاھلىق بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى دەل خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئاق سارايدا كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن 14‏-فېۋرال كۈنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان. بۇ يىغىن يەنە، شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ،ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى بەزى ئەزالار كۆرۈشكەن، ئۇلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر يىغىن مەخسۇس ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشىڭ مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئامىلىسىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىغىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىنى پاش قىلىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. يىغىننى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن بىرگە چاقىرغان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن بولسا شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر.

يىغىندا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوشما رەئىسلىرىنىڭ بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن سۆز قىلىپ: بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزگىلدە ئېچىلدى. خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىزدىن بىر قانچە مىنۇت يىراقلىقتا، بىزنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق بىر ۋاقىتتا، بىز خىتايغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان، بىراق تەقدىرى بىزگە سىرلىق گاۋ جىشىڭدەك جەسۇر بىر كىشىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمىزدىكى نۇقتىلىق شەخس. گاۋ جىشىڭنىڭ مەسىلىسىنى چۈشەنسەك، بىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى چۈشىنىپلا قالمايمىز، بەلكى بىز يەنە خىتاي مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن رىقابەتنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز، دېگەن.

گاۋ جىشىڭ خەلقئارا جامائەتكە تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاز كەم 2 يىلدىن بېرى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ، 2009‏-يىلى 2‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، كېيىنكى يىلى 3‏-ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

ئۇ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشتىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال، خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 5 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. گاۋ جىشىڭ ئاخىرقى قېتىم 2010‏-يىلى 3‏-ئايدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گاۋنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقى، يېقىندا ئۇنى يوقلاپ شايارغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. چارشەنبە كۈنكى يىغىندا گاۋجىشىڭنىڭ ئايالى گېڭ خې گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت ئوباما، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدېن ۋە دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارىي بىلەن كۆرۈشۈپ، گاۋ جىشىڭنىڭ مەسىلىسىنى يۈز تۇرانە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئاق سارايدا ئوباما ۋە بايدېن بىلەن كۆرۈشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن ئوباما ۋە بايدېن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم. بىراق ئۇلار مېنىڭ ئىلتىماسىمغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. بىراق مەن يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مېنى ۋە باللىرىمنى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىغانلىقى ۋە مېنىڭ بۇ يەردە ھال ئەھۋالىمنى ئاڭلىتىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن يەنىلا ئوباما، بايدېن ۋە ھېلارىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋالىمنى يۈز تۇرانە ئېيتىشنى، ئۇلاردىن يولدىشىمنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تىلەشنى، يولدىشىمنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ جەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، دەپ تەكىتلىگەن.

يىغىندا تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى گۇ چۈەننىڭ ئايالى لى جىڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدە ئامېرىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ناھايىتى زور بىر مەنپەئەت گۇرۇھى. ئۇلار ئۆزىدە ناھايىتى چوڭ مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇنى ئۆزگەرتىشى ناھايىتى قىيىن. شۇڭا جۇڭگو ئۆزگەرمەكچى بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. خۇددى يولدىشىم ئىلگىرى ئېيتقاندەك بىرى بۇ «پارتلاتقۇچ مىنا» نى كۆمدى. ئۇ بۇ مىنانى كۆمگەندە جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىسى قەيەرگە يېتىپ بارغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگونى ئۆزگەرتىشكە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

گۇ چۈەن 2008‏-يىلى نەنجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، «ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلانغان ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئالىمجان ھىمىت قاتارلىق 6 نەپەر مەھبۇسنىڭ بىرىدۇر.

لى جىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە يولدىشىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پەقەت دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، يولدىشىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى، ئائىلىسىنىڭ جەم بولۇشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن، يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئوچۇق ئاشكارا ۋە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ: ناھايىتى روشەنكى خىتايغا قارىتىلغان ھازىرقى سىياسەت ئاقمىدى. بىز خىزمەت پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىمىز. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دىنىي كەمسىتىش مەسىلىسىنىڭ يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارا سورۇنلاردا ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىنىشى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى. ئەكسىچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرمەكتە. بىز چېركاۋلارنىڭ زەربە نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. كاردىنال كوڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 25 نەپەر يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋى بىشوپى نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، پروتېستانت پاستېرلىرى تۈرمىگە تاشلانماقتا، تىبەت بۇددىستلىرى مۇشۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنماقتا،دەپ سۆزلىگەن.

بىراق، ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى»، بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىدە بۇ مەسىلە نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.