ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوباما ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، تىبەت سىياسىتى قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.02
Ileana-Ros-Lehtinen_xanim-305.jpg دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېللىنا روس-لېتېنانت خانىم. 2007-يىلى 5-مارت.
wikipedia.org

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئىجرا قىلىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنغان قانۇنلارنىڭ بىرى‏-ئامېرىكىنىڭ «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» دۇر.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان «ئاسىيادا دىنىي ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» نامىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «تىبەت سىياسىي قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماي، يىغىندا يەنە «بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى قىلمىشىنى توساش قانۇنى» ۋە «شىمالىي كورىيە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» مۇزاكىرە قىلىنغان.

2002 ‏-يىلى چىقىرىلغان «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەپ، تىبەت مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا بۇ مەسىلە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان رەسمىي دىئالوگلىرىدا چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان قانۇنىي مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېللىنا روس-لېتېنانت خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار تەكلىپ ‏-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكىنىڭ لخاسادا كونسۇلخانا قۇرۇش پىلانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «تىبەت سىياسىتى قانۇنى» غا ئاساسەن ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھازىرغا قەدەر ئىشقا ئاشمىغان ئىدى. ئېللىنا رۇس‏-لېتىنانت خانىم سەيشەنبە كۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، «تىبەت سىياسىي قانۇنى» ماقۇللانغاندىن بۇيان، لخاسادا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇرۇش پىلانىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇ نەرسىنى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «2002‏-يىلدىن كېيىن، تىبەت سىياسىتى قانۇنى ماقۇللىنىپ، لخاسادا ئامېرىكا دىپلوماتىك ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دىپلوماتلىرىغا چوقۇم شۇ نەرسىنى ئېنىق ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

يەنى ئامېرىكا بايرىقى تىبەتتىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تىكلەنمەي تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا جۈملىدىن ئاتلانتا، بوستون ۋە ياكى ھونۇلۇلۇدا كونسۇلخانا ئاچالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىبەت سىياسىتى قانۇنىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە كوردىناتورنىڭ بۈگۈنكى بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى بېرمان، تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى تەدرىجىي يوقۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي كۈچمەنلەر سىياسىتى ۋە دىنىي چەكلىمىسىنىڭ جىددىي رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بېرمان يىغىندىكى سۆزىدە دالاي لامانىڭ تىبەت مەسىلىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەنچەن لامانى ھازىرغا قەدەر نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن قانۇندىن ھالقىپ ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسى بېرىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قانۇندىن ھالقىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە نەزەربەند قېلىش قىلمىشى داۋام قىلماقتا.

يۈزلىگەن تىبەتلەر بولۇپمۇ تىبەتلىك راھىپلار 2008‏-تىلى پارتلىغان نارازىلىق ھەرىكىتىدىكى رولى سەۋەبلىك ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. لېكىن تىبەت خەلقى بۇ يىل يازدا ۋاشىنگتونغا كېلىدىغان دالاي لامانىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدۇ. ھىندىستان، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردىكى تىبەت خەلقى تىبەت مەدەنىيىتى كىملىكى، دىنىي ۋە تىلىنى قوغدايدىغان كۈچ.

دالاي لامانىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىكى يەنىلا تاشقى دۇنيادىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم كۈچ. لېكىن بىز ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەگەر كەلگۈسى بىر كۈنى ئۇ ئالەمدىن ئۆتسە، زور تەسىر قىلىشى مۇمكىن. خىتاي تىبەت بۇددىزىمىنىڭ 2‏-ئورۇندا تۇرىدىغان بەنچەن لامانى قاماپ، ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.

ھازىر ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا 16 يىل بولدى. 6 يېشىدىن باشلاپ نەزەربەند قىلىنغان بەنچەن لاما، شۇنىڭدىن بۇيان تاشقى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىدى. بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن مەزگىل نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى بېيجىڭ ئۈچۈن كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىر قىلمىشتۇر.»

ئاتاقلىق خوللىۋۇد ئارتىستى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رىچارد گېير، سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يىغىنغا سۇنغان يازما دوكلاتىدا تىبەت مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مەۋجۇت ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تىبەتلەرنىڭ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى ھوقۇقى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رىچارد گېير «خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا ئېنىق ماددىلار بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىپلا قالماي، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقلىرىنىمۇ رەت قىلماقتا. مەن يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتمەكچى، يېقىندىن بۇيان بىز خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا جازالىنىۋاتقنالىقىنى كۆردۇق.

سەنئەتچىلەر، شائىرلار، يازغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەر، ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلار ۋە ھەتتا دېقھانلار بەزىدە ئىز ‏-دېرەكسىز غايىب بولىدىغان، تۈرمىگە تاشىنىدىغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئەھۋاللار يۈز بەردى» دەپ تەكىتلىگەن.
 رىچارد گېير گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى سۆزىدە يەنە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، «قوش تىللىق مائارىپ» مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مائارىپ دىئالوگىدىكى نېگىزلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئۇ «بۇ كومىتېت ھۆكۈمەتكە قوش تىللىق مائارىپنى ئامېرىكا-خىتاي مائارىپ دىئالوگىدىكى نېگىزلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى چاقىرىق قىلىشى كېرەك. 100 مىڭ كىشىلىك ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى نوقۇل خىتاي تىلى مائارىپى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، بۇنىڭغا باشقا تىللارمۇ كىرگۈزۈلۈشى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ئوقۇيالايدىغان بولۇشى لازىم. بۇ رايونلاردىن كېلىپ ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار نوقۇل خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، باشقىلارمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇيالايدىغان بولۇشى لازىم» دەپ تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى درىكتورى سوفىيە رىچاردسون دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ دالاي لاما بىلەن سىياسىي كېلىشىمگە كېلىشىنى ئالغا سۈرۈشكە چاقىرغان.

ئۇ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا سايلانغان يېڭى رەھبىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ يىل يازدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا تۈرمىدىكى تىبەت سىياسىي مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسارىنىڭ تىبەتتىكى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.