جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان " شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى" دىگەن تېمىدىكى بۇ يىغىننى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارى كلىنتون خانىمنىڭ كېلەر ھەپتە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلىك زىيارىتى باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا چاقىرىلغان يىغىنلارنىڭ بىرىدۇر.
يىغىندا ئامېرىكا مەملىكەتلىك دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مۇدىرى لۇئىسا گرېۋىې ، ئامېرىكا فۇرمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى پەنلەر مۇئاۋىن پروفېسسورى كاتېرىن پالمېر كائۇپ ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەمىي رېگېر، ئامېرىكا كرىشتايىن - ياڭ قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل قاتارلىق مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ ئاقماي قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى .
يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى، فۇرمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى پەنلەر مۇئاۋىن پروفېسسورى كاتېرىن كائۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ رايوندىكى سىياسى جىددىيلىكنى يۇمشىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوندا سىياسى كونتروللۇق خىتايلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىشكە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈۇردى.
كاتېرىن كائۇپ خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ": بۇ ئىككى تۈرلۈك سىياسەت رايوندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتمەي ئۇنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىش رولىنى ئوينىماقتا. بۇ سىياسەتلەر بىخەتەرلىك سىياسىتىدىكى قاتتىقلىق بىلەن قوشۇلۇپ، يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر تىنچ ياشاپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رادىكاللاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن". كاتېرىن كائۇپ، ئۇيغۇر ئىلى خىتاي زېمىنىنىڭ 6 دىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار يۇرتى مول تەبئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك خەلقنىڭ يەنىلا نامرات ياشايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كاتېرىن كائۇپ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا زور كۆلەمدە مەلىكىلىك خىتاي ئىشچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوننىڭ بايلىقىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى ياخشى ئورۇنلارنى بولسا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاينىڭ "بۇ نىيىتى رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىر سۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شىنجاڭدا ياخشى ئورۇنلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر پاكىت. ھۆكۈمەت يەرلىكلەر بىلەن ئىچكىرىلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈپ، خىزمىتى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئىچكىرىلىكلەرگە كۆپ مائاش ئۆتىمەكتە" دەيدۇ.
كاتېرىن كائۇپ يەنە ، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يىتىلدۈرۈپ، رايوننىڭ تەرەقىياتىغا تولۇق قاتنىشايلايدىغان بولغانغا قەدەر رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىشىنى، ئۇيغۇرلارغا رايوندا ئەمەلىي رەھبەرلىك ئورنى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەمى رېگېر خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. جۈمە كۈنكى يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ يىغىندا سۆزلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىندا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمى رىگېر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ئەمى رىگېر خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقىنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ۋەيران قىلىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئۆتكەنكى 2 ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ئەمەلدارىنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدىبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئوخشىمىغان پىكىرىنى ئىپادىلىگەنلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇلغانلىقى مەلۇم".
ئەمىي رېگېر خانىم ئۇيغۇرلار كىشىلىك، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ھوقۇقى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىنىش ئازابىدا ياشاپلا قالماي ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش، دوختۇرغا داۋالىنىشدىكى باراۋەرسىزلىككە يولۇقىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ناچار خىزمەت شارائىتىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى سۆزىدە 2008 - يىلى 160 نەپەر ئۇيغۇر بالىنىڭ " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر" بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمىي رېگېر خانىم، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 8 ياش بىلەن 14 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە خىتاي تىلىنى تېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلارنى خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم بالىلارنى ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلار ئوقۇتۇلىدىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بۇ سىنىپلارغا "شىنجاڭ سىنىپى" دەپ ئات قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمى رىگېر خانىم، "ۋاڭ لېچۈەن (ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى) ' شىنجاڭ سىنىپى' توغرىسىدا توختۇلۇپ، 'شىنجاڭ سىنىپلىرى' نىڭ باش نىشانى 'سىياسى ئاڭ تەربىيىسىنى تۇتقا قىلىش، يالغۇز ئىلىم - پەندە يىتىلدۈرۈش ئەمەس' دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى يوقىتىۋېتىشنى ئۆمىد قىلماقتا،" دەيدۇ.