ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرىي لۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2011.12.14

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بەزى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرىي لۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى چېكىنىش ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋاتقان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر.
گەرىي لۇ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىرلاشقانلىقى، ئەرەب دۇنياسىدىكى خەلق ئىسيانلىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى قورقۇتۇپ، ئىسياننىڭ خىتايغا تۇتۇشۇپ كېتىش خەۋپى ئۇلاردا ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، پائالىيەتچى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ يوقلۇقى، «بۇ ساھەدىكى ۋەزىيەت ناچارلىشىۋاتقانلىقى، يېقىنقى بىر قانچە ئايدا ياكى ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغايدىغان ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، خىتايدىكى پائالىيەتچى، ئادۋوكات ۋە دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان. بىراق ئۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىشتىن بىئارام بولىدىغانلىقى، كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئاياللار ۋە ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى مەسىلىلەردىمۇ پىكىر بايان قىلىشنى ئەپسىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى شيې شيەنجۈن ئەپەندى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىككى خىل شەرتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن. چۈنكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى ئالدىنقى شەرت لازىم. بىرىنچىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچى ئاجىزلىشىشى، ئىككىنچىسى، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۇمشىشى كېرەك. ھازىر بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئەمەس. جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ. غەرب بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى بولسا تېخىمۇ جىددىلەشمەكتە. شۇڭا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن.»
گەرىي لۇ ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى خىتاي نەسىللىك تۇنجى ئامېرىكا ئەلچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ بۇ يىل 8-ئايدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى. خىتاي نەسسىلىك بىر كىشىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىشى خىتاي تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىغان. ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئالغا سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بىراق شيې شيەنجۈن ئەپەندى گەرىي لۇنىڭ چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزى خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىر ئاز يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. شيې شيەنجۈننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى مەسىلە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇنى ئەمەلىيلىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنىڭ يوقلۇقىدۇر.
شيې شيەنجۈن «ئۇنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىر ئاز يېقىنلىشىدۇ. بىراق بۇ جۇڭگو مەسىلىسىنىڭ ھېقىقى ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ مەسىلىسى قانۇن-تۈزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئادەمنى ئادەم باشقۇرۇش مەسىلىسىدۇر. بۇنداق جەمئىيەت قۇرۇلمىسا، ئوتتۇرا قاتلام سىنىپى شەكىللەنمەيدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا قاتلام بىر خىل قانۇنى ھوقۇق ئۇقۇمى. ئوتتۇرا قاتلام پەقەت قانۇنى قوغداشقا ئېرىشكەن ئەھۋالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بولمىسا پۇلدار بايلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلار ئوتتۇرا قاتلام سىنىپى بولالمايدۇ. ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنىڭ مال مۈلكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەركىنلىكى، ئائىلىسى، سۆز ئەركىنلىكى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىراق جۇڭگوغا ئوخشاش كىشىلىك بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بىر ئەلدە قانداقتۇر ئوتتۇرا قاتلام سىنىپى مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق ئەلدە كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇلى پەقەت ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن قەغەزلا خالاس» دەپ كۆرسەتتى.
غەرب دۇنياسى ئىلگىرى خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم قىلسا، بازار ئىگىلىكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ لىبىراللىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى. بىراق شيې شيەنجۈن غەربنىڭ بۇ مەسىلىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قىياس ئەسلىدىنلا بىر خاتالىقتۇر. يەنى ماركسىزىمنى چۈشىنىش مەسىلىسىدىكى خاتالىقتۇر. بۇ ئىقتىسادى بازا سىياسىي قۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن ئۇقۇم ئاساسىغا قۇرۇلغان. بىراق جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ئەزەلدىنلا بۇنىڭ تەتۈرى. يەنى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىدا سىياسىي ئۈستى قۇرۇلما ئىزچىل ئىقتىسادى بازىنى بەلگىلەپ كەلگەن. مانا بۇ جۇڭگو بىلەن غەرب ئارىسىدىكى زور پەرقلەرنىڭ بىرى.»
گەرىي لۇنىڭ چارشەنبە كۈن ئېلان قىلغان سۆھبىتى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ يېقىنقى 4 كۈندىن بۇيان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى 2-قېتىم تىلغا ئېلىشىدۇر. ئۇ 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى نەزەربەند قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشى، دىنىي ئەركىنلىكنى بېسىپ، تىبەت ئۇيغۇر ۋە خرىستىئان جامائىتىنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىنى چەكلىشى خىتاينى ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىغا ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.