7 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنا، گۇئانتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسي يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇلارنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز يوللاپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە شۇ ئەسنادا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ قارار چىقىرىپ سودىيە ئۇربىنانىڭ قارارىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ئىدى.
20 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان سوتتا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ دېلوسىغا ئۈچ سودىيە بىرلىكتە قاراپ چىققان بولۇپ، نەتىجىدە ئەرزىيەت سوتى 1 گە قارشى 2 ئاۋاز بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان.
گۇئانتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان سەيبىن ۋىللېت ئەپەندى ئەرزىيەت سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ بۇيرۇق بىزنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ تۈرمە ۋاقتىنىڭ يەنە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 3 ئايدىن كۆپرەك ئۇزارتىلىشى دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ھازىر بۇ ئىشنى بېجىرىش قەدىمىنى تېزلىتىدىغان چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز."
ئادۋوكات سەيبىن ۋىللېت يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئادۋۇكاتلار قوشۇنىدىن بىر قىسىم ئادۋۇكاتلارنىڭ 27 - ئۆكتەبىر گۇئانتاناموغا بېرىپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "بىز ئىلگىرىمۇ كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى كۆپ كۆرگەن. بىز كۈرەش قىلىشىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز " دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 20 - ئۆكتەبىر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئېچىلغان سوتتا، بۇ دېلو ئۇستىدىن ئۈچ نەپەر سودىيە بىلەت تاشلاپ قارار چىقارغان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى 1 گە قارشى 2 ئاۋاز بىلەن توسۇپ قېلىنغان.
قارشى بىلەت تاشلىغان سودىيە كارېن ھېندېرسون( Karen Henderson) ۋە ئا رايموند راندولف(A. Ramond Randolph)لار بولسا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش (Geoge H.W. Bush)تەيىنلىگەن سودىيىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قوللىغان سودىيە بولسا، سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون تەيىنلىگەن سودىيە جۇدىس روگېرس ( Judith W. Rogers)ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، سودىيە جۇدىس روگېرس سوت جەريانىدا گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى قوللاپ مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئافغانىستاندا قورال ئىشلىتىشنى ئاز - تولا ئۆگەنگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇلار ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تالاش - تارتىشنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئەمەلىيەتتە جاۋابكارلارنىڭ قورال - ياراق ئىشلىتىش جەھەتتە تەلىم ئالغىنى ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنداق دېيىشكە توغرا كەلسە قورال ئىشلىتىشىنى ئۆگەنگەن مىليونلىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ خەتەرلىك دېگەن قاراش مەيدانغا چىقىدۇ".
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سودىيە روگېرس ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۇستىدىن يوللىغان ئەرزىنىڭمۇ مۈجىمەل ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرلار ھۆرلۈكى رەت قىلىنغان شۇنچە يىلدىن بېرى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەشتە نەتىجە قازىنالماي كېلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
ئەرزىيەت سوتى يەنە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ۋاكالەتچىلىرى 7 - نويابىر سوتقا قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى يوللاپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە 24 - نويابىر بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
گۇئانتانامودا ھازىر 2001 - يىلىدىن بۇيان بۇ يەردە يېتىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن بار.