ئامېرىكا- فىلىپپىن خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي جەنۇبىي دېڭىزدا مانېۋىر قىلدى

ئامېرىكا- فىلىپپىن بىرلەشمە ئارمىيىسى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خىتاي تەرەپ تالىشىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇم قىلىش ۋە بىر ئارالنى قايتۇرۇپ ئېلىش مەشىقى قىلدى. مەزكۇر ھۇجۇم مەشىقى خىتاي-روسىيە بىرلەشمە مانېۋىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ قالغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ مانېۋىرلار ۋاقىت ۋە ئورۇن جەھەتتىن دىققەتنى تارتسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

16- ئاپرېل ئامېرىكا- فىلىپپىن دائىرىلىرى 10 كۈنلۈك بىرلەشمە مانېۋىر باشلىغان بولۇپ، مانېۋىر 26- ئاپرېل ئاخىرلىشىدۇ.
مانېۋىرنىڭ خىتاي-فىلىپپىن ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتقان ئىدى.
چارشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم مەشىقى خىتاي-فىلىپپىن دائىرىلىرى ئارىسىدا 8- ئاپرېلدىن بۇيان بىر قەدەر جىددىيلەشكەن سكاربورو شائۇل يەنى خىتايچە خۇاڭيەن ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئارالغا نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان پالاۋان ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلدى.
مانېۋىردا نەچچە يۈز كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇن ئارالنى نامەلۇم دۈشمەن قوشۇنلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ئارالغا دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلىپ قىرغاققا چىقىش مەشىقى قىلدى.
خىتاي-فىلىپپىن ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ئارالنى خىتاي دائىرىلىرى «خۇاڭيەن» ئارىلى دەپ ئاتايدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 23- ئاپرېل يەنە مەزكۇر ئارال ھەققىدە بايانات بېرىپ، «ئارالنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسى» ئىكەنلىكىنى يەنە تەكىتلىدى.
ھالبۇكى، فىلىپپىن دائىرىلىرىمۇ ئارالنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ئارالغا ئەۋەتكەن كىچىك تىپىكى دېڭىز قوغدىغۇچى كېمىسىنى قايتۇرۇپ كەلمىدى.
ئامېرىكا -فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم مەشىقى خىتاي يۇقىرىقى ئارالغا يەنە بىر تەكشۈرۈش كېمىسى ئەۋەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئەمما، يۇقىرىقى بىرلەشمە مانېۋىر ۋە خىتاي- فىلىپپىن ئارىسىدىكى تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدە پىكرى يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر ئارال مەسىلىسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قىلىشى پەقەت بىر تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ يۇقىرىقى مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقى مانېۋىرنىڭ تىركىشىش خەتىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈي تىيەنكەي چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مانېۋىر ھەققىدە بىۋاسىتە توختالمىغان بولسىمۇ : بىز جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز. بەزىلەر زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، دېدى.
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرىداش؛ فىلىپپىن، ۋيېتنام، برۇنېي، مالايشىيا، ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تەۋەلىك توقۇنۇشى بار.
2010- يىلى خىتاينىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سېلىشى ئېغىرلاشقان ئىدى.
2010-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ۋيېتنامدا چاقىرىلغان شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى خەۋپسىزلىك مۇنبىرىدە «ئامېرىكىنىمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا دۆلەت مەنپەئىتى بار» لىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەممۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا بارغانچە كېڭىيىۋاتقان دۆلەت تەسىرىنى چەكلەشنى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى شۇڭا مەزكۇر رايوندا بىرلەشمە مانېۋىرغا ئوخشاش ھەربىي ھەرىكەتلەرنى بىر قەدەر كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 2011- يىلى دېكابىردا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، دىققەتنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىتاي دائىرىلىرىنى خېلى بىئارام قىلغان.
ئامېرىكا-فىلىپپىن دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىر داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي رۇسىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا دېڭىز ئارمىيە مەشىقىنى باشلىغان.
22-ئاپرېل باشلانغان بۇ مانېۋىر 27- ئاپرېلغىچە 5 كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭمۇ سېرىق دېڭىزدا دۆلەت مەنپەئىتى بار بولۇپ، خىتاي-رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان ئىكەن.
نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن-خىتاي ئارىسىدا 3 ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئارال دەتالىشى تېخى ھەل بولغىنى يوق. كۆزەتكۈچىلەر مەسىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتاي -شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى- ئامېرىكا ئارىسىدا شەكىللەنگەن 3 بۇلۇڭلۇق دىپلوماتىك تارتىشماق مۇسابىقىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.