خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىگە تىزىملىك بەرگەن.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى گېرمانىيىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، گېرمانىيە دائىرىلىرىگە رەسمىي ئىلتىماس سۇنغان. گېرمانىيە Bild گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا سۇنغان تىزىملىكتىكى تۇتقۇنلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى "تېررورچى" دەپ ئەيىبلەۋاتقان "ئۇيغۇرلار" ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت ئىسىم - فامىلىسىنى تاپشۇرۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ گېرمانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تىزىملىك تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، "مەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپ سۇنۇپ، بىزنى ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمەن،" دېگەن.
گېرمانىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى Der Speigel نىڭ دۈشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە تەرەپكە 10 كىشىلىك بىر تىزىملىك تاپشۇرغانلىقىنى، لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بولسا تىزىملىكنىڭ تېز ئارىسىدا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "بۇنىڭ كېلەر ھەپتىگە قالماي، بەلكى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تېررور مۇتەخەسسىسى ستەيسىي خانىم، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنىڭ ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى، لېكىن گېرمانىيە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلسا بۇ قالتىش ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ستەيسىي خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": گۈەنتانامو شۇبھىسىزكى ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى. ئامېرىكا گۈەنتانامو مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى. گۈەنتانامونى تاقاش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن گۈەنتانامودىكى ھەر قانداق بىر تۇتقۇننى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر سىياسى كۈرەش بولۇپ قالدى. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئەللىرىنى ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىلىرىدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقىشىغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىپ كەلمەكتە."
ستەيسىي خانىم يەنە، گۈەنتانامودىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيىگە بېرىشنى ناھايىتى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇنلارغا كەسپ، تۇرالغۇ جاي قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر گېرمانىيە بىر قىسىم ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرسا قالتىش ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ گۈەنتانامو مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۈت بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، بۇ ئىختىلاپنىڭ گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى باياناتىدا گېرمانىيىنىڭ تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، "ئامېرىكا باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك" دېگەن. لېكىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېيمېيىر بۇ يىل 1 - ئايدا پرېزىدېنت ئوباماغا يازغان مەكتۇبىدا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىدىكى ستەيسىي خانىم، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بولسا دىپلوماتىك ئامىللارنى چىقىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " مېنىڭچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خەتەرگە تەۋەككەل قىلىشنى خالىمايۋاتقان بولسا كېرەك. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا دىپلوماتىيىنى چىقىش قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ گۈەنتانامونى تاقاش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشنى كۆزدە تۇتقان،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئۆلگە يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەرباپلار تەخمىنەن 3 كىشىنىڭ پات يېقىندا ۋىرجىنىيە شتاتىغا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار بىلەن ئاز ساندىكى بىر قىسىم دىموكراتلار ئوبامانىڭ تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش پىلانىغا قارشى چىقىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا زېمىنىغا قويۇپ بېرىشنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىدىكى ستەيسىي، بۇ پۇقرالاردىكى تەلىم تەربىيە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىشىگە قارشى تۇرغۇچى نۇرغۇن كىشىلەر گۈەنتانامودىكىلەرنىڭ ھەممىسى تېررورچى، دەپ قارايدۇ. بۇ پۇقرالارغا تەلىم تەربىيە بېرىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. ئۇيغۇرلار ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەمەس. ئۇلار 8 يىلدىن بېرى گۇناھسىز ياتتى. ئەسلى ئۇلارنى تېز قويۇۋېتىش كېرەك ئىدى،" دەپ كۆرسەتتى.