كېلىشىمگە ئاساسەن ئامېرىكا ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى دارۋىن پورتىدا ھەربىي بازا قۇرۇپ، 2012-يىلدىن باشلاپ بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەزكۇر بازىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى پىيادە قىسىملىرىنى 2500 گە قەدەر يەتكۈزىدۇ. كېلىشىمدە يەنە ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە دائىر ماددىلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر كېلىشىم ئوبامانىڭ 9 كۈنلۈك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان زىيارەت سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. بەزى ئانالىزچىلار مەزكۇر كېلىشىم خىتاينى تەقىب قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ، خىتاينىڭ ئاسىيا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي-سىياسى ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت ئوباما ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گىللارد خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «بىزنىڭ خىتايدىن قورقۇۋاتقانلىقىمىز، خىتاينى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدىكى قاراشلار توغرا ئەمەس» دېگەن بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇردى.
باش مىنىستىر جۇلىيە گىللارد مەزكۇر ھەربىي كېلىشىمنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇ كېلىشىم ئاۋسترالىيە مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىيادىلەر ئەترىتى ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ئارىسىدىكى مەۋجۇت ھەمكارلىقىمىزنى ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىش ئاساسىدىكى يېڭى كېلىشىم» دەپ كۆرسەتتى. گىللارد ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى مۇقىملىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كېلىشىم مۇقىملىقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ «مۇقىملىق ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىقى ئۈچۈن مۇھىم. بىزنىڭ ئىتتىپاقىمىز رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ تۈۋرۈكى. شۇڭا بىزنىڭ مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىقىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە» دېگەن.
مەزكۇر كېلىشىم خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەربىي سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇۋاتقان، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان، خىتاينىڭ ھەربىينى كۈچەيتىشتىكى مۇددىئاسى ئۇلارنى جىددىي گۇمانغا سېلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. پرېزىدېنت ئوباما كانبېررادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينى مەسئۇلىيەت ۋە خەلقئارا قائىدە تۈزۈمگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئوباما «مېنىڭ خىتايغا ئاشكارا ۋە خۇسۇسى يوسۇندا قىلىدىغان نۇقتىلىق سۆزۈم شۇ، ئۇلارنىڭ يۈكسىلىشى، باش كۆتۈرۈشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يولدىكى قائىدە تۈزۈمگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار ئۇلار ئىمزا قويغان قائىدە تۈزۈملەر ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم قىلدى» دېگەن.
ئامېرىكا قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولغان دارۋىن ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارغا ئەڭ يېقىن دېڭىز پورتىدۇر. ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى ياڭ لىيۈي ئەپەندى ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ھەربىي كېلىشىمىنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىدا شۈبھە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «جۇڭگو ھازىر دېڭىز ئارمىيىسىنى كەڭ كۆلەملىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئاۋىئاماتكا ياساپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل زومىگەرلىكتۇر. شۇڭا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگودىن ئەنسىرەيدۇ. جۇڭگونىڭ يۈكسىلىشى بىر ھەربىي يۈكسىلىش، ئىقتىسادى يۈكسىلىش، بىراق بۇ تىنچ يۈكسىلىش ئەمەس. شۇڭا ئامېرىكا ھازىر جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونى قورشاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى بۇ سىياسەتنىڭ بىر قىسمى. ئامېرىكا ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ جۇڭگونى قورشاش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئىقرار قىلمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقى روشەن. ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا يېقىن پورتىدا ھەربىي تۇرغۇزۇشتىكى مەقسىتى جۇڭگونى تەقىب قىلىشتۇر.»
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ھەربىي كېلىشىمگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. بىراق پروفېسسور ياڭ لىيۈي خىتاينىڭ بۇ خىل ھەمكارلىققا قارشى تەدبىر ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ناھايىتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ «مېنىڭ جۇڭگونىڭ قولىدا بۇ خىل ھەمكارلىققا قارشى تۇرىدىغان كوزىر بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغىم تەس. مېنىڭچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ياكى ئارقىغا چېكىنمەيدۇ. چۈنكى بۇ خەلقئارا سىياسەتنىڭ بىر رېئاللىقىدۇر. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ بېسىمىغا باش ئېگىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئاۋسترالىيە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا بوي بەرمەيدۇ. بۇ ھالدا جۇڭگونىڭ قولىدا يەنە قانداق كوزىر بولاتتى؟ جۇڭگونىڭ قولىدا كوزىر بار دېيىلسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھەربىي باش كۆتۈرۈشىدىن ۋاز كېچىپ، تىنچلىق يولىغا مېڭىشى، دېموكراتىيىنى تاللىۋېلىشدىن باشقا كوزۇرى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئېھتىمال شىمالىي كورىيە، ئىراننى قوللاپ، پاكىستاننىڭ يادرو قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكىمۇ ھىندىستانغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھىندىستان بىلەن يادرو ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستاننىڭ تامامەن خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا جۇڭگونىڭ بۇ خىل ھەمكارلىققا قارشى تەدبىرى ناھايىتى چەكلىك دەپ ئويلايمەن» دەپ كۆرسەتتى.