يەكشەنبە كۈنى ئىراننىڭ «ئەل-ئەلەم» تېلېۋىزىيىسى، ئامېرىكىنىڭ رق-170 بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانى ئىران ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى رۇسىيىنىڭ ر ت تېلېۋىزىيىسى، خىتاينىڭ س س تېلېۋىزىيىسى ئەينەن كۆچۈرۈپ تارقاتتى. ئەمما بۇ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچقايسى ئىراننىڭ «فارسى ئاگېنتلىقى» ئەڭ بۇرۇن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغاندا تەسۋىرلىگەن تەپسىلىي بايانلارنى تىلغا ئالمىدى. ئىراننىڭ «فارسى ئاگېنتلىقى» ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان خەۋەردە، ئىراننىڭ شەرق تەرەپتىكى ھاۋا تېررىتورىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانى ھازىر ئىران ئىنقىلابى قىسىملىرىنىڭ قولىدا، بۇ ئايروپىلان ئانچە زەخىملەنمىگەن، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئايروپىلاننى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئىران ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز رازۋېدچىك ئايروپىلانىنى «ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئايروپىلاننىڭ ئىراندا «ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى»نى بىلدۈرىدىغان ھېچقانداق ئالامەت يوق. ئىرانمۇ دېگەن گېپىگە پاكىت كۆرسىتەلمىدى. ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 1-ئايدا بىر قېتىم، 7-ئايدا يەنە بىر قېتىم، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانىدىن ئىككىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، بىرىنى پارس قولتۇقىدا، يەنە بىرىنى ئىراننىڭ فوردۇ يادرو بازىسىدا دەپ يالغان خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.
ناتونىڭ قوماندانلىقىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەم قىسىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراننىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغان بۇ خىل ئايروپىلان، پەقەت رازۋېدكا ئۈچۈنلا قوللىنىلىدىغان قورالسىز ئايروپىلان، بۇ خىل ئايروپىلان ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە، ناتو قىسىملىرى بۇ خىل ئايروپىلانلارنى ئافغانىستاندا ئەلقائىدىچىلەرنى رازۋېدكا قىلىشتا قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ناتونىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئىراننىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغان بۇ ئايروپىلان، ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستاننىڭ غەرب تەرىپىدە رازۋېدكا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا كونترول قىلىدىغان ئورۇن بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىكەن. ناتو قىسىملىرى ھازىرغا قەدەر بۇ ئايروپىلان بىلەن ئالاقىلىشىشكە تېرىشىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيىسى، لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى، ۋول سترىت گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ بۈگۈن ئىراننىڭ خەۋىرىگە ئوخشىمايدىغان خەۋەر ئېلان قىلدى ۋە ئىراننىڭ خەۋىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۇچۇرلارنى كۆپرەك بايان قىلىشقا تېرىشتى.
ئەمما خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئىران ئېلان قىلغان «ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېگەن ئۇچۇرغا تېخىمۇ كۆپ تەسۋىر قوشۇپ ئېلان قىلدى. «شىنخۇا تورى»، «خەلق تورى» بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانى ئىراننىڭ ھاۋا تېررىتورىيىسىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ ئۆچ ئالدى، بۇ ۋەقە بىزگە يەنە، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مەخپىي ئۇرۇشنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى دېگەن سۆزلەرنى قوشتى.
خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھازىر پاكىستاندىكى شەمسى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، پاكىستان ناتوغا تەمىنات يەتكۈزىدىغان يوللارنى مەڭگۈلۈك تاقىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھازىر ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىغا شىمال تەرەپتىن تەمىنات يەتكۈزىدىغان يېڭى يول ئېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ھەتتا بۈگۈن يۈزگە يېقىن دۆلەت گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىشقا باشلىغان يىغىننى پاكىستان بايقوت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن دېگەندەك پەرەزلىرىنىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋەقەسىگە چېتىۋالدى.