ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىمنى ئاشۇرماقچى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ يىغىندا مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.21
iran-missile-test-305 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن" دېگەن ئەندىشىلەر، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە بەس - بەستە قورال سېتىۋېلىش دولقۇنى شەكىللەندۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى جەمئىي 123 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراق سېتىۋالغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىدىن 67 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 35 مىليارد، ئۇممان 12 مىليارد، كۇۋەيت 7 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىراننىڭ يېقىندا يادرو بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققانلىقى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. شۇڭا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان، شۇنداقلا يەنە فرانسىيىدىن 80 كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.

ب ب س دا كۆرسىتىشىچە، بۇ، تىنچلىق شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ قورال - ياراق تىجارىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇشى ۋە بۇنىڭغا قارشى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بەس - بەس بىلەن قورال - ياراق سېتىۋېلىشقا باشلىشى، رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىگىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرىدىكەن.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل نيۇ-يوركتىكى يىغىن ئالدىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ چوقۇم يادرو قوراللاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلەيدىغان نۇتقىدىمۇ، ئوتتۇرا شەرقنى يادرو قورالىدىن خالىي بولۇشقا چاقىرىدىكەن. ئابدۇللاھ گۈل ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.

گەرچە ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇۋاتقان ئۇرانلارنىڭ ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ماسلاشماسلىقى گۇمان پەيدا قىلماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سېتىۋېن چۇ ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىگە قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىراننىڭ سەمىمىي بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامىن مېھمانپەرەست بولسا ئىراننىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدىكى ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنداق بولمىغاندا سۆھبەتنىڭ ئىلگىرى باسمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە بېرىلگەن باھالاردا، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئۆز - ئارا شەرت قويۇشۇۋاتقان شارائىتتا بۇ مەسىلىنىڭ ئاسانلىقچە ھەل بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەنلىكى بايان قىلىنماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ نۇتقىدا، ئەگەر ئىران خەلقئارانىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەي، ئۆزى بىلگىنىنى داۋام قىلسا، بۇنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

باراك ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىر ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورىيىگە قارشى قويۇلىدىغان ئېمبارگونى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتايغا بۇ ھەقتىكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.