ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن بىرلىكتە، قۇتقۇزۇش پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قۇتقۇزۇش پىلانىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پرېزىدېنت بۇش بۈگۈنكى باياناتىدا مەزكۇر قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: " بۇ بىر چوڭ پىلان. چۈنكى بۇنىڭدىكى سەۋەب بەك چوڭ ۋە مەسىلىمۇ شۇنداق چوڭقۇر.
ئۇ يەنە گەرچە بۇ مەزكۇر پىلاننىڭ بەزى تەرەپلىرىگە قوشۇلمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك كرىزىسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھالقىلىق قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشى جەھەتتە ھەممەيلەننىڭ پىكرى بىردەك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنري پائۇلسون بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، 700 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن، كرىزىس ئىچىدە قالغان ۋال - سترېت پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئامېرىكا بانكىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىدى.
مەزكۇر پىلاننى دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىدىن پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا پالاتاسى كۆپ سانلىقلار مەسئۇلى ھەرري رىيد ۋە پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر دودلار قوللىغان بولۇپ جۈمە كۈندىكى مۇنازىرىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
كىرستوفېر دود، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بۇ كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قۇتقۇزۇش پىلانى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۆپ سانلىقلار رەئىسى ھەرري رىيد بولسا، بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى چوقۇم يولغا قويۇلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە بىر قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ‘بىز بۇنى چوقۇم پۈتتۈرىمىز ھەمدە قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇنى پۈتتۈرۈشكە بەل باشلىدۇق" دېدى.
بۇش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىغا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى بىر قىسىم كونسېرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر تۈپتىن قارشى بولۇپ، ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغان پالاتا مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارني فرەنك بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى ھازىر كرىزىس ئىچىدىكى پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش ھەمدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ساغلام يولغا سالىدىغان بىر مۇھىم چارە دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى بەزى ئەركىن بازار رىقابىتى ۋە ئەركىن سودىنى قوللىغۇچى ئىقتىسادشۇناسلار، بۇ پىلاننى بازارنىڭ تاللاش قانۇنىيىتىگە خىلاپ دەپ قارىماقتا.
ليندون لارۇچ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىغا ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ لارۇچ ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قۇرغان سىياسىي پائالىيەتچى ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ف فرانكلىن روزۋېلتنىڭ ئىقتىسادى سېستىمىسىنى قوللىغۇچى ئىقتىسادشۇناس.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لەيرۇچ ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئاخبارات ئوبزورلىرى ئىجرائىيىسى ژۇرنىلىنىڭ پۇل - مۇئامىلە سەھىپىسىنىڭ مۇھەررىرى پائۇل گاللاگەر، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ھېنرى پاۇلسون ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قۇتقۇزۇش پىلاننى ئىنتايىن بولمىغۇر "دەپ كۆرسەتتى ۋە لەيرۇچ ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ليرۇش ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بۇ پۈتكۈل ئامېرىكا تارىخىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ جىنايى پىلانلارنىڭ بىرى . بۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ماددىلىرىغا مۇخالىپتۇر. ھازىر بۇ يەردە بارلىق باج تاپشۇرغۇچىلار خۇسۇسي مۈلۈكدار بايلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە قىستىلىۋاتىدۇ."
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنى ئىقتىسادى نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە ، ھازىرقى بۇ كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشقا نەچچە تىرلىيۇن دوللارمۇ ئازلىق قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانى نۆۋەتتىكى كرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ياردەم قىلمايلا قالماي، پەقەت كارغا كەلمەيدىكەن ، ھەتتا يۇقىرى نىسبەتتىكى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
پائۇل ھالاگېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ 700 مىليون دوللارلىق بۇ قۇتقۇزۇش چارىسىنى يولغا قويۇشىغا قارشى بولۇپ، ۋەيران بولغان بانكىلارنىڭ قەرىزلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ قەرزىنى خەلقنىڭ گەدىنىگە ئارتقاننىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى 1933 - يىلى پرېزىدېنت روزۋېلت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ، ۋەيران بولغان بانكىلارنى قايتا تەشكىللەش ئورگانلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەن.