ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Scot Marciel سەيشەنبە كۈنى كامبودژانى زىيارەت قىلىپ، كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Hor Namhong بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. مۇزاكىرە داۋامىدا كامبودژا تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ 1970 - يىللاردىن بۇيان ياردەم قالغان 330 مىليون دوللارلىق كونا قەرزىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان ؛ Scot Marciel بۇ تەلەپنى ئامېرىكىنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2 ئاينىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن، 20 ئۇيغۇرنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەردىن بىرى ئامېرىكا بولغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كامبودژانى ھېلىھەم بىر دوست دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ببىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن بىللە 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىگە ئامېرىكىنىڭ قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە ئۇ ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ كامبودژاغا بۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم پىكىر بەرگەنلىكىنى، پىكىرىنى ھەم ئاشكارا، ھەم يوشۇرۇن يوللار بىلەن يەتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما كامبودژانىڭ ئامېرىكىنىڭ پىكىرلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: "بىز بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قارىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى خۇلاسىلانماي تۇرۇپ، خىتايغا قايتۇرۇش قارارى بەرسە توغرا بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ ئېيتقان ئىدۇق."
Scot Marciel، خىتاينىڭ ئەينى چاغدا سودىنى كۆز - كۆز قىلىپ تۇرۇپ، كامبودژادىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، كامبودژانىڭ بۇ ئىشتا خىتايغا ئەگەشكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق، بىز كامبودژانىڭ مەزكۇر قارارىدىن شۇ چاغدا قاتتىق نارازى بولدۇق، بۇ نارازىلىقىمىزنى بۈگۈنمۇ تەكرارلايمىز."
كامبودژا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كامبودژانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشتا خىتاينىڭ قولى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلار كامبودژاغا قانۇنسىز ۋە پاسپورتسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن كۆچمەنلەر قانۇنى بويىچە چېگرادىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Scot Marciel ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىقىنى، سىياسىي مۇقىملىقىنى، پاراۋانلىقىنى ۋە دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ ياردەمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تەسىرىگە قايتا قاراپ چىقىشقا سەۋەب بولغان. ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا، " خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تەسىرى ۋە ئامېرىكا مەنپەتى،" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكىنىڭ مەيلى سودا، مەيلى مەبلەغ سېلىش جەھەتتە بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا خىتايغا نىسبتەن ئۈستۈن ئورۇندا ئىكەنلىكىنى، ئەمما، ئالدى ئېلىنمىسا، بۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ خىتايغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى؛ بولۇپمۇ خىتاينىڭ كامبودژا، بېرما ۋە لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرگە تېز سۈرئەتتە تەسىرىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىندا مۇتەخەسسىسلەردىن Donald Weatherbee مۇنداق دېگەن: "كامبودژانىڭ ئنسان ھەقلىرىنى تونۇمايدىغان، خىيانەتچىلەر بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ھاۋا كىرلىشىشى بىلەن ھېسابلاشمايىدغان بىر يۆلەنچۈكى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي،" دەپ كۆرسەتكەن.
مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا خىتاي - كامبودژا مۇناسۋىىتى ئۈستىدە توختالغان ھەم بۇ جەرياندا باشتىن - ئاخىر 20 ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.