ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كامبودژا دائىرىلىرى 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇۋېتىش بەدىلىگە خىتايدىن زور ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشكەن.
كامبودژا ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ چىقىپ ب د ت نىڭ پىنومپېندىكى ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، كامبودژانى زىيارەت قىلىشتىن 2 كۈنى بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغان كۈننىڭ ھارپىسىغا قەدەر بۇ مەسىلىدىكى ئەسلى مەقسىتىنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن يوشۇرۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئالداپلا قالماي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۇلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
[ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىداOpens in new window ]
، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ بۇ تاسادىپىي قىلمىشى ئۆزلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، پىنومپېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتكە خىيانەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
[ ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەپOpens in new window ]
، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشكە ئاز قالغاندا، كامبودژانىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىق بىناسىغا چاقىرتىپ، بۇ مەسىلىگە ئارىلاشقان. لېكىن بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت باياناتچىسى گوردون دۇگۇئىد 19 - چېسلا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كامبودژا دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، " كامبودژا خان جەمەتى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى، كامبودژانىڭ خەلقئارادىكى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىگە خىيانەت قىلغانلىقتۇر. ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن قوغدىلىشقا تېگىشلىك بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ. بىز يەنە كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى تولۇق تەكشۈرمەي شۇنداقلا ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنى قاتناشتۇرمايلا قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولدۇق،" دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە، بۇ ۋەقە ئامېرىكا - كامبودژا مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە كامبودژانىڭ خەلقئارا ئورنىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ باقمايلا قايتۇرۇۋېتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن بۇيان ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەڭ كۈچلۈك بايانات ھېسابلىنىدىغانلىقى، لېكىن 20 ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇلمىغانلىقى بولسا خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە ئىنكاس قايغۇرغان ئەللەرنىڭ يەنە بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى. شۋېتسىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ۋە 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە "چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى"نى ئەسكەرتىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا "كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا پىسەنت قىلماي ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى 19 - دېكابىر خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۆزلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ئىككىلا باياناتىدا خىتاينى ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا خىتايدىن "قايتۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە قانۇن تەرتىپكە ئاساسەن ئىش بېجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش"نى تەلەپ قىلىدۇ.
خىتاي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى ياكى قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى قاتتىق باستۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى، كامبودژادىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئاقلاپ، "بۇ ۋەقەنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەتتىكى نورمال مەسىلە،" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا يوللىغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، "كامبودژا كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسەن يېقىندا بۇ دۆلەتكە قانۇنسىز كىرگەن 20 نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى قايتۇردى. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنى ئادەتتىكى نورمال تەرتىپكە ئاساسەن ئۆتكۈزۈۋالدى،" دېگەن. لېكىن جياڭ يۈ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كامبودژادىكى ئىشخانىسىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كامبودژا ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كامبودژاغا "قانۇنسىز كىرگەنلىكى"نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئاقلىماقتا. ئەنۋەر ئەپەندى، كامبودژا خەلقى 70 - يىللاردا خىتاينىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كخمېر كوممۇنىستلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى چۈشەنمەكنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇۋېتىلىشىدە كامبودژا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى ۋە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەھدىت سېلىش كۈچىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەقەسى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كامبودژا زىيارىتى ھارپىسىدا يۈز بېرىپ، بۇ كامبودژانىڭ ئىقتىسادى نەپكە ئېرىشىشىنى قۇلايلاشتۇرغانلىقى، خىتاينىڭ كامبودژاغا بىر مىليارد 200 مىليون دوللار ئىقتىسادى ياردەم بېرىشكە قوشۇلۇشىدا بۇ ۋەقەنىڭ "تېزلەتكۈچىلىك" رولىنىڭ زور بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.