دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى 2008 - يىلى يەنىلا ناچار ئەھۋالدا تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 1992 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىش ئەھۋالىغا باھا بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى قىسمىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2008 - يىلى يەنىلا ناچار ئەھۋالدا تۇرغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىك، ئاخبارات ئەركىنلىكى، تۇتقۇن قىلىش، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى، ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، قانۇننى تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن سوتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىلمىشلارنىڭ يەنە داۋام قىلغانلىقىنى، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىپ، بۇ ئىككى رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا، 2008 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مۇخبىرلار، يازغۇچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، بۇ بىر يىلدا بەزى رايونلاردا ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، "ھۆكۈمەت تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرگەن،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون چارشەنبە كۈنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ئورنىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ "كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. بىز بۇ غايىمىزنى ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ياشىتىپلا قالماي، بىز يەنە دۆلەتلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى قوغلىشىمىز. بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى بۇ مەسىلىگە دائىر ھۆكۈمەت يىغىنلىرىنى ۋە رەسمى سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرىمىز. لېكىن مەن يەنە شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز ئىنسان روھى ۋە ئىنسان تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان مۇستەبىتلىك ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىمەن دەيدىكەنمىز، بىر يولدىلا ماڭماسلىقىمىز كېرەك"، دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى يەر شارى مىقياسىدا ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كلىنتون خانىم، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار، دىنىي زاتلار، مەكتەپ ، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، "دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'ئۈچ خىل كۈچ'، دەپ ئاتالغان كىشىلەرگە قارىتا نەزەربەند قىلىش ۋە مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىشنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنى قوللاندى. تېررورىزىمنى قوللايدىغان گۇماندارلارنى قولغا ئېلىپ، تۇتقۇن قىلىپ ۋە جازاغا تارتىپلا قالماي، سىياسى ۋە دىنىي ئىبادەت مەقسىتىنى تىنچ يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنى قولغا ئالغان، تۇتقۇن قىلغان ۋە جازالىغان"، دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنىشنىڭ ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتقان ئىدى. ئۇ خىتاي زىيارىتىدە "كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادى، ھاۋا كلىمات ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىققا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك"، دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى كەرىن ستۇئارت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كلىنتوننى ئاقلىدى.
بىر مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەن كارېن ستۇئارت: "بىز دوكلاتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2008 - يىلى يەنىلا ناچار ئەھۋالدا تۇرغانلىقىنى شۇنداقلا بەزى جايلاردا ئەھۋالنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. لېكىن كلىنتون خانىمنىڭ سۆزىگە باھا بەرگەندە بىز ئۇنىڭ ئۇنىڭ خىتايدا قىلغان ئىش ئىزلىرىغا بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارشىمىز كېرەك. ئۇ بىر سۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىگەن. قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى چىقىش قىلىدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. كلىنتون خانىم خىتايدا بۇ مەسىلىنى يەنە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويدى. كونكېرت مەسىلىلەردە شۇنداقلا تۈزىتىش كېرەك، دەپ قارىغان ساھەلەردە بىز ئۆز قارىشىمىزنى يەنە ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويىمىز"، دەيدۇ.
دوكلاتتا، نۇرغۇن سىياسى مەھبۇسلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىم ئابدۇرېھىم ، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك 2 ئوغلىنىڭ بارلىقىنى، ئابدۇغېنى مەمتىمىن، دىلكەش تىلىۋالدىلارنىڭ ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتايدا سىياسى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتىنى قىسقارتىش ئەھۋالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىسلام دىنىغا ناھايىتى ئېغىر چەكلىمە قويىۋاتقانلىقىنى، "مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيىتى، دىنىي تەلىم ئېلىشى ۋە دىنىي ئىبادەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان چەكلىمە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرى يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كەرىن ستۇئارت، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ 2008 - يىلى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى، بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "بىز بۇ يىل خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى تىبەت بىلەن شىنجاڭدا ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى مۇئامىلىنىڭ ناچارلاشقانلىقىغا دىققەت قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دەيدۇ.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان كۆچمەنلەر سىياسىتى، خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلاردىكى كىملىك قارىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، بۇ بىر يىلدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، باستۇرۇش نىشانىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقانلىقىنى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ " ئۇيغۇر كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، رايوندىكى مەكتەپلەردە مىللى تىل مائارىپىنى قىسقارتىش، تىل ئۆتكىلىنى يولغا قويۇپ، مىللى ئوقۇتقۇچىلارغا توسالغۇ پەيدا قىلىش" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.