پائالىيەت ئامېرىكا خەلقىغە، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئەرباپلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2006 - يىلى يىل ئۆتكۈزۈلگەن؛ پائالىيەتتە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئىتى جۈملىدىن ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتى، مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ۋە مىللىي تائاملىرىنى كۆرسەتكەن ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈكسەك قىزىقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.
شۇ قېتىمقى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە سۆز قىلغان مەرھۇم پالاتا ئەزاسى توم لانتوس: " شەرقى تۈركىستانلىقلارمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر،" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۈمۈت ئاگاھى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.