جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى James Mcgovern لارنىڭ رىياسەتچىلىگىدىكى يىغىندا، دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت جەمئىيىتى ۋە دىنىي ساھەدىكى زاتلار ئىسپات بەردى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2001 - يىلى خىتايغا ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئولىمپىك يىغىنىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە 18 كۈن قالدى. بۇ 7 يىلدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا زادى قانچىلىك ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولدى ؟ بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان زاتلار دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چاقىرغان " ۋەدىگە ۋاپاسىزلىقلار: ئولىمپىك ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى"، دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى بۇ تېمىغا بېغىشلانغان ئىدى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئىسپات بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگىنىگە قارىماي، "سىياسى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى مۇقىملىققا تەھدىت سالماقتا، دېگەن قاراش بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى James Mcgovern لارنىڭ رىياسەتچىلىگىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا Frank Wolf بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتايغا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك مەسىلىسىدە ئاشكارا پىكىر بىلدۈرۈشىنى، پرېزىدېنت رېگاننىڭ ئۆز ۋاقتىدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى 'ئالۋاستىلار ئىمپېرىيىسى' دەپ جاكارلىغىنىغا ئوخشاش دەۋر بۆلگۈچ بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن Frank Wolf، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەھبۇسلار تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ياقلاش كېرەك، دەپ قارايمەن" دەپ كۆرسەتتى.
Frank Wolf بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى Christophir Smith لار خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاز دېگەندە 700 نەپەر سىياسىي ۋە ۋىجدان مەھبۇسىنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر زىيارىتىدە بۇ تىزىملىكىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىغا تاپشۇرغان ئىدى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىزىملىكتىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم يىغىندا ئىسپات بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2001 - يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەتبۇئات ئەركىنلىكى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكى، 2007 - يىلى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات توپلاش ئەركىنلىكى بوشاشتۇرۇلغانلىقىغا قارىماي، ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا مەۋھۈم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " ئولىمپىك يىغىنىغا 18 كۈن قالغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، دائىرىلەرنىڭ ۋەدىسىگە قارىماي چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا مەۋھۈم. يېقىندا خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان خىتايدىكى 60 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىر ئۈستىدىن چىقارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 6 ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىر ئاز رول ئويناپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئىغۋاگەرچىلىك، تۇتقۇن قىلىش، جىسمانىي زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋالى بىر ئاز يىنىكلىگەن، لېكىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يەرلىكتىكى خەۋەر مەنبەسىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋالى كۈچەيگەن". ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا، يۇقىرى سادا بىلەن، بىر تۇتاش ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاي تىلىدىكى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ، خىتايغا بارغاندا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشنى تەلەپ قىلدى.
رىچاردسون خانىم يەنە، "ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى قاتارلىقلار كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى مۇنازىرە قوزغاپ، پرېزىدېنتنىڭ خىتايغا بارغاندا قىلىدىغان چېركاۋ زىيارىتىدە نېمە ئىشلارغا دىققەت قىلىشىغا دائىر مەسىلىلەر، پرېزىدېنتنىڭ ئېلان قىلىدىغان نۇتىقى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىنسا ياخشى بولىدۇ " دەپ ئەسكەرتتى. يىغىندا ئىسپات بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك بىخەتەرلىكى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالىم سېيىتوف، "شەرقىي تۈركىستاندا ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ دەيدىغان بۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلار يۇرتىدا باستۇرۇش ھەرىكىتى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ناھايىتى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى تېررورچى قالپىقى كىيدۈرۈپ باستۇرماقتا " دەپ كۆرسەتتى. ئالىم سېيىتوف يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، شۇ كۈنى قەشقەردە 5 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى، دېگەن نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن ئۈرۈمچىدە ئېتىۋېتىلگەن، قەشقەردە سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ " تېررورچىلىق " بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" رابىيە قادىر ۋە تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى مونوپولىيە قىلىۋالغانلىقى، تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەشكە چاقىرىدۇ " دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم زاتلار بولسا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ يېقىن ئارىدا ئامېرىكىدىكى بەزى مەشھۇر ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئەگەر بۇش بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلسا، بۇ خىتاي دائىرىلىرىگە ناھايىتى كۈچلۈك بىشارەت بېرىش رولى ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "بىز بىر خەت يېزىۋاتىمىز. بۈگۈن ياكى ئەتە پرېزىدېنت بۇشنىڭ قولىغا تەككۈزۈشىمىز مۇمكىن. بىز پرېزىدېنتنىڭ باب فۇ، خاررىي ۋۇ، رابىيە قادىر ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلىمىز،" دەپ سۆزلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيىتوف، ئەگەر پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلەش رولى ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايلارغا ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە Frank Wolf قاتارلىقلارنىڭ بۇ پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.