ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ۋە جەنۇبى كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كىم تايوڭ مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر توغرىسىدا سەيشەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇلار سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مانېۋىر "شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆكتەم قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا قارىتا لايىھىلەنگەن" دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا مانېۋىرنىڭ 25 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ يىل مارتتا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن ۋە 46 نەپەر جەنۇبىي كورىيە ماتروسى ئۆلگەن. كېيىن كۆپ دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەزكۇر پاراخوتنىڭ شىمالىي كورىيە تورپېدا ھۇجۇمىدا پاچاقلانغانلىقىنى بېكىتكەن. شۇندىن باشلاپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە جەنۇبى كورىيە ھۆكۈمەتلىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇش قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر شىمالىي كورىيىگە كۆزلىگەن دەرىجىدە بېسىم ھاسىل قالالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىر ئەكسىچە خىتايغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.
خىتاي خەۋەرلەر تورىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستراتېگىيە تەنقىدچىسى جۇ چېڭخۇمۇ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ خىتايغىمۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، مۇنداق دېگەن: " مانېۋىر سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سېرىق دېڭىز خىتايغا كىرىش ئېغىزى. ئۇلار ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىپ قويماقچى".
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس بۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىردىن خىتاينىڭ ئەنسىرىشى بىھاجەت، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى" بۇ يەردە خىتاينى بىئارام قىلىدىغان ھېچ ئىش يوق".
شۇنداقتىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شەرقىي دېڭىز فلوتىنى ئىسقا سېلىپ، ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي دۆلەت ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، مانېۋىر كورىيە يېرىم ئارىلى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان.
رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە تىكئۇچارلىرىنى كۆرسەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ مەزكۇر مانېۋىرنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.
دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ھەربىي مانېۋىرى پەقەت بىر دىپلوماتىك ئىنكاستىنلا ئىبارەت ئىكەن.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي تېخى ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكىغا كۈچ كۆرسەتكۈدەك قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ۋە ئامېرىكا شىمالىي كورىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا قارىتامۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مانېۋىر ئەسلىدىكى پىلان قىلىنغان سېرىق دېڭىزدىن، ياپونىيە دېڭىزى، يەنى شەرقىي دېڭىزغا يۆتكەلگەن. جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانېۋىرنىڭ يۆتكىلىشى خىتاينىڭ مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ۋە جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم تا يوڭ كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنىڭ ھەر ئىككىلا دېڭىزدا ئورتاق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.