ئامېرىكا ۋە كورىيە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ئالدىدا خىتاي چەكتىن ئاشماسلىققا چاقىرماقتا

بەش بۈرجەك بىنا تۈنۈگۈن، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ۋە ياپون دېڭىزىدا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مەشقى ھەققىدە يەنە بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي بۈگۈن بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم قىزغىن بەس - مۇنازىرە پەيدا بولدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشقى ھەققىدە دۇنيادا يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشقى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ باياناتتا ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي مەشقى خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تەھدىت سالغانلىق بولىدۇ دەپ جاكارلىدى.

ئامېرىكا ئورتاق دېڭىزدا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىكنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ

بۇنىڭغا جاۋابەن بەش بۈرجەك بىنانىڭ باياناتچىسى گىئوف موررېل چارشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئورتاق دېڭىزدا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىكىنى، قايەردە، قاچان، قانداق شەكىلدە، قانچىلىك ئېقتىدارى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، ئۇنىڭغا قانداق پاراخوت ۋە قانداق ئايروپىلانلارنى قاتناشتۇرۇشىنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلەيدۇ دەپ جاكارلىدى.

ئورتاق دېڭىزدا، ھەممە دۆلەتنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بار

بەشبۈرجەك بىنانىڭ باياناتچىسى گىئوف موررېل بۇ باياناتىدا يەنە، ھەر بىر دۆلەتنىڭ جانىجان مەنپەئەتى خەلقئارا دېڭىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دائىرىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىپ ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە بارسا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ دېڭىز تېررىتورىيە ھۆقۈقىغا ھۈرمەت قىلىدۇ، ئەمما ئورتاق دېڭىزدا، ھەممە دۆلەتنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بار دەپ كۆرسەتتى.

دېڭىز ناملىرىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن دوۋېي ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ئوبزورىدا، باياناتلاردا ئېيتىلغان دېڭىز ناملىرىنى توغرا پەرق ئەتمىسە، ھەرىكەتتە ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ناملىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي شەرقىي دېڭىز دەپ ئاتايدىغان دېڭىزنى، بۇ ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا دۆلەتلەر بەزىدە ياپون دېڭىزى دەپمۇ ئاتايدۇ؛ خىتاي سېرىق دېڭىز دەپ ئاتايدىغان دېڭىزنى، بۇ ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا دۆلەتلەر بەزىدە غەربىي دېڭىز دەپمۇ ئاتايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتون بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ياپون دېڭىزى ۋە سېرىق دېڭىزدىكى ھەربىي مەشققە چۇقۇم قاتنىشىدۇ

بەش بۈرجەك بىنانىڭ باياناتچىسى گىئوف موررېل تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، گەرچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون بەلگىلىك ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بۇ قېتىم قايسى دېڭىزدىكى مەشققە، قاچان قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتون بەلگىلىك ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىنىڭ بۇ قېتىم ياپون دېڭىزىدا ۋە سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەربىي مەشققە چۇقۇم قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان ئىدى.

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرق دېڭىز ۋە ياپون دېڭىزىدىكى ھەربىي مەشىقىغە بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىدى

ئامېرىكىنىڭ چەتئەل رادىئو ئۇچۇر مۇلازىمىتى FBIS نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يەنە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرق دېڭىزدا ۋە ياپون دېڭىزىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش پىلانىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ باياناتىدا ھەر تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە جىدديلىك پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك دەپ جاكارلىدى.

دۇنيادا يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغالدى

شۇنىڭدىن كېيىن،دۇنيادا يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغالدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئوچۇق مۇنازىرە تور بېتىگە بۈگۈن، بەش بۈرجەك بىنانىڭ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرق دېڭىز ۋە ياپون دېڭىزىدىكى ھەربىي مەشىقى ھەققىدىكى باياناتى ۋە خىتاينىڭ بۈگۈن بۇنىڭغا قارىتا ئىپادىلىگەن قايغۇسى ھەققىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر خىل يېزىقتىكى بىر نەچچە يۈز پارچە ئوبزور ئەۋەتىلدى.

بۇ ئوبزورلارنىڭ بىرىدە خىتاي يېقىندىن بۇيان گەپنى چوڭ قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا خوشامەت قىلىپ، ئىراننى جازالاشقا قوشۇلۇپ باقتى، خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنىمۇ ئۆستۈرۈپ باقتى، مانا ئەمدى خىتاي يەل قويۇۋەتتى، خىتاي قولىدا قورال يوق خەلقنى باستۇرۇشتا باتۇر بولغىنى بىلەن، قولىدا قورال بارنى كۆرسە قويرۇقىنى تىكىۋىتىدۇ دېسە، يەنە بىرىدە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدە خىتاينىڭ قارشىلىقىدىن قورقۇپ، ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشقىنى كېچىكتۈردى، ھازىر يەنە پەشتاقتىن چۈشۈش ئۈچۈن پەلەمپەي ئىزلەۋاتىدۇ دەپ بايان قىلدى.

بەزىلەر تەرەققىياتىمىز 20 يىل كەينىگە كەتسىمۇ مەيلى، بىزنىڭمۇ ئاتوم بومبىمىز بار، ئامېرىكىغا بوزەك بولمايمىز دېدى. يەنە بەزىلەر بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىق ھەققانىيەت بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېنىشىش، ئەگەر ئامېرىكا دۇنيادا ئادالەتنى قوغدىمىسا، خىتاي، شىمالىي كورىيە يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تۇرىۋىرىدۇ، خەلق ئامېرىكىنى قارشى ئېلىشقا تەييار دەپ بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.